ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە كىردى

日期:2024年09月06日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ بېيفاڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ساۋ يەن كەسپىي گىرىم لايىھەسى تەربىيەلەش دەرسىدە كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) «ئادەمنىڭ قېشى ماسلاشتۇرۇش رول ئوينايدۇ، خۇددى قوماندانغا ئوخشاش، ئېگىز-پەس ھەم قېنىق-سۇس سىزىشتا ئىپادىلەنگەن گۈزەللىكمۇ ئوخشىمايدۇ...» 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ بېيفاڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ساۋ يەن كەسپىي گىرىم لايىھەسى تەربىيەلەش دەرسىدە كۇرسانتلارغا مۇشۇنداق چۈشەندۈردى.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئەرگۇڭ يېزىسى جىڭشۈەن مەھەللىسى بېيفاڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، تەۋەلىكىدىكى ئالاقىدار ئاممىنى ئىككى يېرىم كۈن كەسپىي گىرىم لايىھەسى مەخسۇس ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى، تەۋەلىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىسى، ئانىلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار بولۇپ 18 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، كەسپىي گىرىم لايىھەسى تەربىيەلەش دەرسىدە، كۇرسانتلار بىر-بىرىگە گىرىم قىلىپ، مەشىق قىلماقتا.

تەربىيەلەش دەرسىدە، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلات بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ساۋ يەن ئاساسلىقى كەسپىي گىرىمنىڭ ئاساسىي گىرىم قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە تەلىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى. بىر سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كۇرسانتلار بەس-بەستە گىرىم جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، بىر-بىرىگە گىرىم قىلىپ مەشىق قىلدى. «مەھەللىنىڭ كەسپىي گىرىم كۇرسى ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتىم. تەربىيەلەش ھەقسىز، بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىشكىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، يەنە بىر ماھارەتنى ئىگىلەپ، كېيىن خىزمەت تېپىشقىمۇ قولايلىقبولىدۇ» دېدى32 ياشلىق ئانا جاڭ سۇڭ.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ بېيفاڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ساۋ يەن كەسپىي گىرىم لايىھەسى تەربىيەلەش دەرسىدە كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتمەكتە.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئۇزاق مۇددەت ئىشسىزلار توپى ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولمىغانلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش تېپىشىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ماھارىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلارغا قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ماھارەت تەربىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئەمەلىي ماھارەتنى تېزدىن ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق». ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن نا مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇستىسى، رەتلەپ يىغىشتۇرغۇچى، ئادەم كۈچى بايلىقىباشقۇرغۇچىسى قاتارلىق بازار ئېھتىياجى بىر قەدەر زور، كۇرسانتلارنىڭ تەربىيەلەشكە بولغان قىزىقىشى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كەسىپ (ئىش تۈرى)لەرگەئۆگىنىشنى يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقتى قىسقا، تېخىمۇ يېقىشلىق بولغان چوڭ تەخسىلىك قورۇما قورۇش، كەسپىي گىرىم لايىھەسى قاتارلىق ئالاھىدە مەخسۇس ئىقتىداربويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردۇق.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىياردەم تولۇقلىمىسى خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتىن54 قارار ئۇيۇشتۇرۇپ، جەمئىي 1700 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كۇرسانت تەربىيەلىدى.

كۈندۈزى ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ياكى ئەھۋالى ئالاھىدەكىشىلەر توپىغا قارىتا، يېقىندا بۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى يەنە «كەچلىك مەكتەپ» تەربىيەلەش تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئائىلىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە، تېز سۈرئەتتە ماھارەت ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى