تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2024年09月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» بويىچە نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» بويىچە نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا يۈزتۇرا كېڭەشتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئۈچ نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئايرىم - ئايرىم تەكلىپ تاپشۇردى، تۆت تەكلىپ بىرلەشتۈرۈلۈپ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» تەييارلىنىپ، 2024 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق تەكلىپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

دىققەت نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلار ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، تەكلىپنى بىرلىكتە بېجىرىدىغان ئورۇنلار بىلەن كۆپ قېتىم بىرلىكتە كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىپ، 16 تۈرلۈك قاراتمىلىققا ئىگە خىزمەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك بېجىرىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇندى؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ خاس مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەزمۇنىدىكى ئىجادىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش تەكلىپى بېرىلدى؛ خىزمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، شىنجاڭ قىزىل مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېزىلدى... يىغىندا، تەكلىپ بەرگۈچىلەر ۋەكىللىرى، تەكلىپنى مەسئۇل بولۇپ بېجىرگەن ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ھەم تەكلىپنى بىرلىكتە بېجىرگەن ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بېجىرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. ھەرقايسى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ بېجىرىشنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول قىلىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېجىرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەكلىپ بېجىرىشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى قىممەت يېتەكچىلىكى ۋە مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەكلىپ ئېففېكتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك. كېڭىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر ساھەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.