كارىزنى يېڭى دەۋردە يېڭى نۇر چاچقۇزايلى

日期:2024年09月04日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاۋسترالىيە سىدنېيدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۇرپان كارىزى شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان 2024 - يىللىق دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. كارىزدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەت مۆجىزىسى جۇڭگونىڭ قەدىمكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دۇنياغا قالدۇرغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەت، دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۆھىرى. بۈگۈنكى كۈندە شان - شەرەپكە ئېرىشتى، كارىز بۇنىڭغا مۇناسىپ.

كارىز ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى بىلەن تەبىئىي شارائىتنىڭ مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇشى. تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ كەڭ ھەم قۇرغاق تۇپراقتا، كارىز خۇددى يەر ئاستىدىكى غايەت زور ئەجدىھالارغا ئوخشاش، ۋاقىت ۋە بوشلۇق تونېلىدا ئەگرى - بۈگرى سوزۇلۇپ، ئۇزاق يىللاردىكى مۆجىزىلەرنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلماقتا. ئۇ تەبىئەتنىڭ قاتتىق سىنىقىدا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس ئىجادچانلىقى بىلەن يارىتىلغان ھاياتلىق تومۇرى. پىژغىرىم ئىسسىق ۋە قۇرغاقچىلىق ئالدىدا، ئەجدادلار سۇ مەنبەسىگە بولغان تەشنالىقى ۋە تۇرمۇشقا بولغان قەيسەرلىكىگە تايىنىپ، بۇ ئۇلۇغ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى بىر گۈرجەك - بىرگۈرجەكتىن قېزىپ چىقىپ، يېپىق ئۆستەڭ، تىك قۇدۇق، ئوچۇق ئۆستەڭ، كۆللەرنى ئەپچىللىك بىلەن بىرىكتۈرۈپ، قىممەتلىك سۇ بايلىقىنى قۇملۇقتا ئېقىپ، بۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كارىزنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە يېپىق ئۆستەڭ لايىھەسى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئىلغار پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى بولمىغان قەدىمكى دەۋردە، مۇشۇنداق ئېسىل قۇرۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرۈش قەدىمكىلەرنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكى ۋە قالتىس قۇرۇلۇش تېخنىكا سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، تۇرپاندىكى كارىزلار ھازىرغىچە يەنىلا رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە ساقلانغان 1200دىن ئارتۇق كارىز ئىچىدە، سۇ ئېقىنىنى ساقلاپ قالغىنى 190غا يېتىدۇ، يىللىق ئېقىم مىقدارى 114 مىليون كۇب مېتىر، سۇغىرىش تىزگىنلىنىدىغان كۆلەم 100 مىڭ موغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر قىسىم مۇقىم سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

كارىز سۇغىرىش قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئۇ تۇرپاننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولغان، بىر جانلىق تارىخىي دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى يىپەك يولى دەۋرىدە، كارىز بېرىپ - كېلىپ تۇرۇۋاتقان سودا كارۋانلىرىنى ھاياتلىق سۈيى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ تۇپراقتىكى مەدەنىيلىكنى ئوزۇقلاندۇردى. ئۇزاق يىللار مابەينىدە، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان كىشىلەر كارىزنى ئورتاق قوغداپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كارىزنىڭ تارىخى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ كۈرەش قىلىش تارىخى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى.

تۇرپان كارىزىنىڭ دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى بىزنى جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىدىغان بىر كۆزنەك بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ يەنە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى. بۇ، كارىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى دىققەت قىلىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق كارىزنى ئىجادىي قوغداش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا كارىزدىكى قەدىمكى ئەقىل - پاراسەتنى قوبۇل قىلىش يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىم تۇرپان كارىزىنىڭ دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى شان - شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ، ئۇ بىزگە بۇ قىممەتلىك مىراسنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ قەدىمىي سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردە جۇلالاندۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىكى تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلىرىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشنى ئەسكەرتىدۇ.