ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

日期:2024年09月04日
来源:天山网
【字体:

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 24 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىنى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل مۇجەسسەملەنگەن، ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى، كادىرلار ئىشلىرى لايىھەسى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنىدا دوكلات بېرىلىدۇ. يىغىندا يەنە «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى خىزمەت چارىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات يازمىچە قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا دىققەت «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئورۇنلاشتۇرما. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يىغىننىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، مۇلازىمەت كاپالىتى ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، يۇقىرى سۈپەتتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ تەكلىپ بېرىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان بىر قېتىملىق يىغىن قىلىپ ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ليۇ خۇيجۈن، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن يىغىنغا قاتناشتى.