شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىللىق «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «سۈپەت تىرىكىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتىنى ئورتاق قۇرۇش».
«سۈپەت ئېيى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 30 ئەزا ئورۇن، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، توققۇز جەمئىيەت (ئىلمىي جەمئىيەت)، 21 كارخانا بىلەن بىرلىكتە شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان سۈپەت باش تېما پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئورگانىك مەھسۇلات ئېتىراپنامىسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» «يېشىل مەھسۇلات ئېتىراپنامىسى ۋە بەلگىسى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» «تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنى ئېچىۋېتىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى «مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، يېزا - بازارلارغا كىرگۈزۈش» تەشۋىق - تەربىيەسى، ئالاھىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشكىللەيدۇ. مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ساھەسىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ھەم «ئۆلچەمنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. پۇقراۋى ئىگىلىك ئۆلچىمىدە يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئۆلچەش مۇلازىمىتى قىلىش سەپىرى پائالىيىتى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى گۇۋاھلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلەكلىرىدە، ئاشلىق، ياغ، گۆش، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى باھانى نازارەت قىلىش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش، باھا ئالدامچىلىقى قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈپ باھانى ئۆستۈرۈش قاتارلىق باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.
21 كارخانا «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، سۈپەت مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش - ئىسلاھ قىلىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىن پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتتە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت كۈچلۈك كارخانىسى قۇرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن لىبو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 40 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، سۈپەت خىزمىتىنى كەسىپ، رايون، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سۈپەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەھسۇلات، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، مەركەزنىڭ سۈپەتنى نازارەت قىلىش بويىچە باھالىشىدا تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى يىل B دەرىجىلىك سەۋىيەنى ساقلاپ، پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
دۆلىتىمىزنىڭ «سۈپەت ئېيى» 1978 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 40 نەچچە يىل چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق «سۈپەت ئېيى» پائالىيىتى جەمئىيەتنىڭ سۈپەت ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيدىغان، سۈپەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.