سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2024年09月04日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ: تىڭجوۋ ئوغۇل - قىزلىرى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن 70 يىلنى بىرلىكتە خۇشال - خۇرام تەبرىكلىدى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇەن يىجۈن، فۇجيەن ئۆلكىسى تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لو دۇڭچۇەن، سەنشى ئۆلكىسى تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، سەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىچۇەن، ئاپتونوم رايون تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىدىكى يولداش تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

دۇەن يىجۈن مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، سانجى ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. سانجى ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى بولۇپ، تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇدرەتلىك سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە.

ئېلزات ئەخمەتجان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، سانجى ئوبلاستى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشى، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

پائالىيەت مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە سانجى ئوبلاستىدىكى يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلاملىرى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.