2024 - يىلى 3 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلدى
ئۇزاققىچە بوشاشماي شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 2024 - يىلى 3 - پەسىللىك ئاپتونوم رايون قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە» ۋە مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇزاققىچە بوشاشماي شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە»گە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە دەل جايىدا توغرىلىنىپ، كونكرېت ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە يېڭى، تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ھوقۇق - مەسئۇلىيىتىنى ئېنىقلاش، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەش، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىن چارە ئىزدەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.