2024 - يىللىق توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش بويىچە رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش نەق مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

日期:2024年09月04日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ ناخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2024 - يىللىق توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش بويىچە رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش نەق مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيەنۋېن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇڭئەن نازارىتى، شۇنداقلا ئالاقە تورى كارخانىلىرى، تورداشلار ۋەكىللىرى خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش بويىچە رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تور مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

قىسمەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ئاخبارات تور بېكەتلىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرى، شىنجاڭ توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى، بىڭتۇەن توردىكى پىتنە - ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى (شەھەر)لىرىدىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىلىرى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 160تىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.