导航切换

300 نۆۋەت! شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز يېڭى سۈرئەت ياراتتى

日期:2024年08月01日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرشى شىنخەۋەر قىلىدۇ) 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن قازاقىستانغا قاراپ ماڭغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىشى بىلەن، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق»كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ماركىسى بولغان نۆۋەتچى پويىز (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دېيىلدى) 300 نۆۋەت قاتناشتەك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ماركىسى بولغان نۆۋەتچى پويىز 300 نۆۋەت قاتناشتەك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.


قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھەر ھەپتىدە 10دىن ئارتۇق پويىز قاتناش، بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئارتۇق مۇقىم قاتناشقىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزدا توشۇلغان يۈك جەمئىي 250 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ جەمئىي 7 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ، ساننىڭ ئېشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا تورىنى پۇختا توقۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پولات يىپەك يولى»دا، شىنجاڭنىڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ھەرىكەت ئىزى بارغانسېرى كۆپەيدى.

شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى پويىز ئىشلىرى بۆلۈمى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش مەسئۇلى زاۋجا خالىس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئايدا، موسكۋاغا بارىدىغان «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز ئوڭۇشلۇق قاتنىدى، ھازىر دائىملىق توشۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. «بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتلا ئەمەس، ياۋروپادىمۇ <تىيانشان ناملىق> يولۇچىلار پويىزىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، ئەشيا ئوبوروتى تورى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى بارغانسېرى يىراقلاشماقتا.»

شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنى قاتناشقا تەشكىللەيدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىيانشان ناملىق» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ۋە «شىنجىگاڭ (新智港)» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سىستېمىسى سۇپىسىنى قۇرۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خېرىدارلارنى نۆۋەتچى پويىز ۋاگونى زاكاز قىلىش، خىراجەتنى سۈرۈشتۈرۈش، سودا ھېساباتى قىلىش قاتارلىق بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «شىنجىگاڭ (新智港)» سۇپىسى 5-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، نەچچە يۈزدىن ئارتۇق خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلدى، زاكاز قىلىنغان ۋاگون 4000دىن ئاشتى.

6-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز خېرىدارلىرىغا قارىتا «تۆمۈريولنى تېز تۇتاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، بۇ ئەندىزىدە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق ماللارنى پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، «تۆمۈريولنى تېز تۇتاشتۇرۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ توشۇلغان مال 2300 گۇرۇپپىغا يېقىن بولۇپ، شۇ ئايدىكى توشۇلۇش مىقدارىنىڭ %86.3ىنى ئىگىلەپ، 6-ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %32.8ئاشتى.

«ئەشيا ئوبوروتىنىڭ كەينىدە سودا بار، سودىنىڭ كەينىدە كەسىپ بار»، زاۋجا خالىس مۇنداق دېدى: «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ياخشى ماللىرى»نى توشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە، تېخىمۇ تۆۋەن باھادا، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى سودا يولىنى بەرپا قىلىدۇ.