导航切换

شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ كۈچى丨پويىزدا 10 ۋاگوندىن ئۆتۈپ بىرىنچى بولۇپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا يۈگۈرگىنى __ دەل ئۇ

日期:2024年08月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار\بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


7- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 19دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا قاراپ ماڭغان K4918 قېتىملىق پويىزدا،14- ۋاگوندىكى75 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ھوشىدىن كەتتى. بۇ چاغدا، نەنجىڭغا بېرىپ «ئانارنىڭ دانىسى ۋەتەن سەپىرى» ياش - ئۆسمۈرلەر تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئەترەت دوختۇرى − چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى فۇ جياجيا بۇنى ئاڭلاپلا ئون ۋاگوندىن ئۆتۈپ، بىرىنچى بولۇپ قۇتقۇزۇشقا باردى ھەم دەرھال بوۋايغا يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇشى ئېلىپ باردى. ئارقىدىن پويىزدا تۆت دوختۇر ئارقا-ئارقىدىن ياردەمگە كەلدى. يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، كۆپچىلىك بوۋاينى تاكى توختاش نۇقتىسىدىكىجىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئاپىرىپ قويغانغا قەدەر كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزدى.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى يەنى 14- ۋاگوندا فۇ جياجيا قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان بىر بالىنى داۋالىغان.