ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت مەركىزى تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.
مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزدىن 8-ئاينىڭ5-كۈنىگىچە، G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ قورغاس-غۇلجا بۆلىكى، جىڭ-سانجى بۆلىكى، داخېيەن-يەندۇن بۆلىكى، G217 لىنىيەسى ۋە G3014 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇ-قاراماي بۆلىكى، G7 لىنىيەسىنىڭ مىدۇڭ-گۇچۇڭ بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ توقسۇن-كۈمۈش بۆلىكى، كورلا-قەشقەر بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر-چاقىلىق بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ كورلا - چاقىلىق بۆلىكىدىكى تاشيول بويلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئارىلاپ 37 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ جىڭ-سانجى بۆلىكى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىل ئارقىلىق كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى