مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 17 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئاجرىتىلغان بولۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان ساياھەت ھاجەتخانلىرى ئۈچۈنمۇ كاپات ۋە تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.