شۈ جيەنسەي:
باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسەتتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي ئىختىيارىي مۇخبىر گو چېڭ
ياپيېشىل دەرەخلەر، گۈل دېڭىزى قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى ئوۋتۇ كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالت يول، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ، ئاق تام، كۈل رەڭ ئۆگزىلىك ئەمىن ئۆيلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ...
«كەنتىمىزدە ھازىرقىدەك بۇنداق زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى شۇجى شۈ جيەنسەينىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى كەنت ئاھالىلىرى.
شۈ جيەنسەي 2018 - يىلى 5 - ئايدا ئوۋتۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەنزىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىزغىنلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يۇرتداشلارنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلانغان، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئورۇن بەلگىلەنگەن، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.
ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش
ئاساسنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى كادىرلاردا. كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، شۈ جيەنسەي كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كېڭىشىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى نومۇر جەملەش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، ئوبراز تىكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈردى. ھەر ئايدا نومۇر جەملەشتە ئالدىدا تۇرغان ئۈچ نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ ئۇدا ئالتە قېتىم ئالدىدا تۇرغانلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە، ئۆگىنىشتە بولۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئالدىن ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.
كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، شۈ جيەنسەي «1+1» قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يېتەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتتە ئۇسۇل ئۆگىتىش، پىكىر يولى يەتكۈزۈش، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەتتىن بەرگەن مەلۇماتىنى باھالاش، ۋەدە بېرىش، ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭى، شان - شەرەپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىشى - يېتەكلىشى ئارقىلىق كەنت كادىرلىرىنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى، غەيرىتى ئاشتى، قەددىمۇ رۇسلاندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى لاڭ سىمەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، پۇقرالارنىڭ كەنت كادىرلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشتى، بىزنىڭ يۈزىمىزمۇ يورۇق بولدى».
كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش
ئەسلىدىكى ئوۋتۇ كەنتىدە، دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بىرلا خىل، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ئىدى.
«قانداق قىلغاندا يۇرتداشلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ؟» شۈ جيەنسەي بۇ ھەقتە ئىزچىل ئويلاندى.
2018 - يىلى 12 - ئايدا، ئوۋتۇ كەنتىدە پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە پايچىكلار يىغىنى، كېڭىشىش يىغىنى، نازارەتچىلىك يىغىنىدىن ئىبارەت «ئۈچ يىغىن» ئايرىپ تەسىس قىلىنغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىلدى.
ئوۋتۇ كەنتى «ئۈچ خىل مەبلەغنى ئېنىقلاش»نى تۇتقا قىلىپ، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى، ئامما ۋەكىللىرىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھاكىمە قىلىش، كەنت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەرەققىياتنى مۇھاكىمە قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەپ، كوللېكتىپ مۈلۈكنى جانلاندۇردى.
«يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنت 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كوللېكتىپ مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، پايچىكلارغا پايدا تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.» ئوۋتۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرغۇن توختى مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق، ئوۋتۇ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىپ، كوللېكتىپ ئوتلاق ۋە قومۇش رايونىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، يەم - خەشەك تولۇقلىمىسى بېرىش، موزايلايدىغان ئىنەكلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى 430 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدۇق.
كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، «ھويلا تېمى 20 مېتىردىن ئۇزۇن ياكى 100 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ قوي - كالا قوتىنى سېلىشتا، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا لاياقەتلىك بولغان ھەربىر قۇرۇلۇش تۈرىگە 3000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى؛ داشۆگە ئۆتكەن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى بىرتۇتاش غەملەشنىڭ ھەممىسىنى كەنت كوللېكتىپى ئۈستىگە ئالدى...» بەھرىلىنىۋاتقان بۇ پايدىلار تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىسى خۇ جىجيەن ھەممىنى پىششىق بىلىدۇ.
يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇش
سەھەردە، تۇنجى قۇياش نۇرى ئوۋتۇ كەنتىگە چۈشكەندە، «باغراش كۆلى مېنىڭ ئۆيۈم» ناملىق يېقىملىق ناخشا چوڭ كانايدا ياڭراپ، جىمجىت كەنتنى ئويغىتىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى ھويلا دەرۋازىسىنى بىر - بىرلەپ ئاچىدۇ، كۆپچىلىك كېلىشىۋالغاندەكلا سۈپۈرگە، چېلەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ، يولنى تازىلاشقا باشلايدۇ.
بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئوۋتۇ كەنتى «ئىككى كومىتېت» ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشقا سىجىل يېتەكلەپ، ھويلا - ئاراننى پاكىزلاش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ 5 - كۈنىنى مۇھىت تازىلىقى كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، كادىرلار دائىرىگە بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش، پارتىيە ئەزالىرى بۆلەككە بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش، دېھقانلار ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىنى ھۆددىگە ئېلىش، گۇرۇپپىلار ئۆزئارا باھالاش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىدى.
پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۈ جيەنسەي «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى» يېزا - كەنت مەدەنىيلىكى جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرىغا تايىنىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قوللايدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، جۇغلانما نومۇر مۇۋاپىق بولغان، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن» يېزا - كەنت مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت جۇغلانما نومۇر تۈزۈمىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىدىغان قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «كىچىك جۇغلانما نومۇر» ئارقىلىق يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنىڭ «چوڭ ئەندىزىسى»گە تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتە، ئوۋتۇ كەنتى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم مەدەنىي ئائىلە، گۈزەل ھويلا - ئاران، ياخشى قېيىنئانا، ياخشى كېلىن قاتارلىقلارنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈشكە، ئائىلىنى تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇشقا يېتەكلەپ، بىلىندۈرمەي ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى گۈزەللەشتۈردى، روھىنى نۇرلاندۇردى.
ئاساسىي قاتلامغا قانچە كۆپ چوڭقۇر چۆككەنسېرى، قەلبتە شۇنچە كۆپ ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدۇ. «تەشكىلنىڭ ئىشەنچى ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم. مەن داۋاملىق ئوۋتۇ كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن» دېدى شۈ جيەنسەي.