ئىلتىماس قىلىش باشلاندى!

日期:2024年07月09日
来源:天山网
【字体:

ئەگەر سىز تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا ئىلمى،

يېزا ئىگىلىك ئىلمى ۋە تېببىي ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردە ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىشبىلەن بىللە

ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان بولسىڭىز

ئۇنداقتا پاراۋانلىق كەلدى


ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى

«تىيانشان تالانت ئىگىلىرى»نى تەربىيەلەش پىلانى

ياش تىرەكئىختىساسلىقلار تۈرىنى دەرھال ئىلتىماس قىلىڭ!


مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ كەسمە سۈرىتى.

يېقىندا، بۇ تۈرنى ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

بۇ تۈردە دىققەت

ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى

ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ

نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى،

يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ساھەلەر

بىر تۈركۈم تەبىئىي پەن ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىدە

ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان

يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ئەمەلىي قوللىنىشچان تىپىدىكى، ئۇنىۋېرسالتىپتىكى

يۇقىرى قاتلاملىق ياش ئىختىساسلىقلارغا مەدەت بېرىلىدۇ

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تۈر ئاساسلىقى ياش ئىختىساسلىقلارغا قارىتا تەسىس قىلىنغان.ماگىستىرلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە، ئىلتىماس قىلغان يىلى 32 ياشتىن ئاشمىغان (1992-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان) ياش ئىختىساسلىقلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئاياللار ياكى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ يېشىنى 34 ياشقا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

بۇ تۈر ئاساسلىقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېڭى تىپتىكىتەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارغا يۈزلەنگەنبولۇپ، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپى ۋە كارخانىلاردىكى پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا مايىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن (تايانچ ئورۇن) ئەگەر كارخانا بولسا، شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغىنىغا ئىككى يىلغا توشقان بولۇشى كېرەك (رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋاقتى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك).

تەرتىپ بويىچە تاللاپ بېكىتىلگەن ياش تىرەك ئىختىساسلىقلارغا

شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى خىراجەت ياردىمى بېرىدۇ

ياردەم بېرىش سوممىسى باھالاش نومۇرى

ياكى دەرىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ بېكىتىلىدۇ

قوللاش مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ يىل بولىدۇ

مەبلەغ يىلغا بۆلۈپ ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ،

ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن قوللاش خىراجىتى بېرىلىدۇ

تەربىيەلەنگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇن (تايانچ ئورۇن)

يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن خىراجەتنىماسلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ

قوللاش خىراجىتىدىن

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30ى ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇلى سۈپىتىدە ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ

بەلگىلىمە بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

قالغان قوللاش خىراجىتى ئورۇندىلىدىغان ۋەزىپەنامىدىكىپۈتۈشكەن

يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىمەزمۇنىغا ئىشلىتىلىدۇ

پىرىنسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش نامزاتى ئۆز ئالدىغا پىلانلاپ ئىشلىتىدۇ

ئىلتىماس قىلغۇچى

ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ھۆكۈمەتتور بېكىتى

(https://www.xast.org.cn/qjkx/ywxt1.htmدىكى

«تىيانشان تالانتلىقلىرىنىتەربىيەلەش پىلانى ياش تىرەك ئىختىساسلىقلار تۈرى»

كەسپىي سىستېمىسى ئارقىلىق توردا ئىلتماس قىلسا بولىدۇ

بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئورۇنلار بىڭتۇەن پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى

(http://124.117.240.66:8020)

تورىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

توردا ئىلتىماسقىلىشنىڭ ئاخىرلىشىشۋاقتى

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 20:00دە

قەرەلى ئۆتكەندە ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى تاقىلىدۇ

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى