导航切换

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇمدا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى!

日期:2024年07月08日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى

تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغائېرىشتى

بۇ، بۇ تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ

ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ


شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى ئۈنۈم خەرىتىسى.

بۇ ئايرودۇرۇم A1 دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىلگەن

ئۇچۇش رايونى دەرىجە كۆرسەتكۈچى 3B بولۇپ

مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى 12 مىڭ 400 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىدىكەن

يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم قېتىمغايېتىدىكەن

ئاساسلىقى ئۇزۇنلۇقى 1700 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-قونۇش يولى

تىك ئالاقە يولى

2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى، ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال بىناسى قۇرۇلىدىكەن

سۇ چىقىرىش، ئوت ئۆچۈرۈش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلىنىدىكەن


شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.

بۇ ئايرودۇرۇم ئاساسلىقى

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى

ۋە ئەتراپتىكى قوشنا رايونلارنىڭ

ئۇچۇش مەشىقى، قىسقا مۇساپىلىك يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتى، بوشلۇق ساياھىتى

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەشغۇلاتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق كەسىپلەردە

تەۋەلىكتىكى كارخانىلارغاقولاي، تېز قاتناشنىئىشقا ئاشۇرىدۇ

ھەمدە گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى بىلەن

«تارماق لىنىيە-ھەممىباب» رايون ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورى بەرپا قىلىدۇ

رايون تۆۋەن بوشلۇقئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ


گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى (ماتېرىيال سۈرەت).

لى شياڭفوتوسى

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى چەكلىك شىركىتى

تەستىقىي جاۋاب مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ

قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ

قۇرۇلۇش جەريانىدا

«قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى»

ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ

تۈر قانۇنىي ئىگە تۈزۈمى، خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار بولۇش تۈزۈمى

قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتۈزۈمى ۋە سۈپەتكەئۆمۈرلۈك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ

​قۇرۇلۇش كۆلىمى، ئۆلچىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ

ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ

قاتناشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرىدىكەن

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى