导航切换

شىنجاڭنىڭ يېڭى پېتى توڭلىتىلغان سالمون بېلىقى تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىندى

日期:2024年07月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرچېن چياڭۋېيخەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ غۇلجا تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ108.5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكىتۇنجىتۈركۈمدىكىيېڭى پېتى توڭلىتىلغان يەرلىك سالمون بېلىقى ھاۋا تىرانسپورتى، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق ئاۋمېننى بىۋاسىتە تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭ يېڭى پېتى توڭلىتىلغان سالمون بېلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىشى ئىكەن.


7-ئاينىڭ 2-كۈنى، غۇلجا تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى تەۋەلىكتىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ باشقۇرماقتا. جۇ يېفوتوسى

بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىنغان شىنجاڭ يېڭى پېتى توڭلىتىلغان سالمون بېلىقىنى مۇزلىتىلغان سالمون بېلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت چېكىگە قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، سۈپىتى تېخىمۇ يېڭى بولغان.

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى چۈنيۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كارخانىمىز تۇتقان سالمون بېلىقى مىقدارى 2000 توننىدىن ئاشتى، كۈندىلىك پىششىقلاش مىقدارى 20 توننىدىن 30 توننىغىچە بولدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان پىششىقلاش زاۋۇتى 5-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پىششىقلاش مىقدارى 8000 توننىغا يەتتى. كارخانىمىز بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئىسپانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق جايلاردىكى كۆرگەزمىلەرگە ئارقا-ئارقىدىن قاتناشتى، شۇنداقلا چەت ئەللەرگە ئىنچىكە پىششىقلانغانمەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىش ئويىغىمۇ كەلدى.

توڭلىتىلغان بېلىقنىڭ ئاسان چىرىيدىغان يېڭى يېمەكلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، غۇلجا تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىشتىن ئىسپات چىقىرىشقىچە بولغان ئومۇمىي ۋاقتىنى 30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنبەدىن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان جاينىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭى پېتى توڭلىتىلغان سالمون بېلىقىنى يېڭى، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل كارىدورى» ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىپ، ئېكسپورتتا «كېچىكتۈرمەسلىك»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

غۇلجا تاموژنىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇڭ جىنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى تاموژنا نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن AEO(«ئېتىراپ قىلىنغان تىجارەتچى») ئىسپات بېرىپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنكارخانا. ئىسپات بېرىپ ئېتىراپ قىلىشقائېرىشكەندىن كېيىن، بۇ كارخانا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق تەدبىرلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. نۆۋەتتە، غۇلجا تاموژنىسى AEO كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تەۋەلىكىدىكى AEO كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قولايلىق تەدبىرلەر ۋە تاموژنا ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قوللاپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.

نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە چېگرا سىرتىدا تىزىمغائالدۇرۇپ تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ چەت ئەلنىڭ ئەڭ يېڭى تەلىپىنى ئىگىلىشىگە ۋاقتىدا ئىز قوغلاپياردەم بېرىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە كۈچ قوشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى