جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك گۆھەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتايلى

日期:2024年05月17日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەت، تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.

جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىلمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ئىدىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى بىر قىممەتلىك گۆھەر، ئۇنىڭغا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭخۇانىڭ بۇ قىممەتلىك گۆھىرىنى ياخشى قوغداش، ياخشى قېزىش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىزدە روشەن بايلىق ئەۋزەللىكى، ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىك ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بار: قار لەيلىسى، ئەڭلىك ئوت، زاراڭزا، ئىلى سوغىگۈلى، توشقانزەدىكى قاتارلىق تۈرى مول، سۈپىتى ئەلا دورا ماتېرىياللىرىنى ھەممە بىلىدۇ؛ ئۇيغۇر تېبابىتى، قازاق تېبابىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى - دورىگەرلىكى تەرەققىيات داۋامىدا مول دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەجرىبىلىرىنى جۇغلىدى؛ زۇكام جەۋھىرى، زۇپا جەۋھىرى، مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم دورىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپلا قالماي، يەنە چەت ئەللەرگە سېتىلدى؛ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەۋقەنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئەنئەنىۋى تېبابەت - دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتە تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ كۆپ زەنجىر، كۆپ ساھەدىكى كەسىپ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى؛ ھەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تېببىي قىممىتىنى قېزىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى؛ تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە مەنىۋى قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «ساغلام شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم ئورنىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ئالاقىدار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتى بىلەن تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بەزى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرگە دۇچ كەلمەكتە، مەسىلەن، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ناھىيە باشقۇرۇشىدىكى جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش تېخى ئىشقا ئاشمىدى؛ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ خاس ئەۋزەللىكى تېخى تولۇق گەۋدىلەنمىدى، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ سانائەت قىممىتى بىلەن قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرمىسىدا پەرق بىرقەدەر چوڭ؛ ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى بىرقەدەر ئاجىز، قىسمەن جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈملىرىدە «بۆلۈم بار، ئادەم يوق»؛ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ رايون پەرقى بىرقەدەر چوڭ قاتارلىقلار.

مەسىلىنىڭ ئۆزى قىيىن نۇقتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، بارلىق كۈچ ۋە ئۈنۈملۈك بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خىزمەت مېخانىزمى، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى، تېخىمۇ ئورتاق تونۇشقا ئىگە بولغان جەمئىيەت كەيپىياتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا چاقىرماقتا. بىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھىي ساغلاملىقتىن جىسمانىي ساغلاملىققىچە، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيلىك گۆھىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.