导航切换

ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى

日期:2024年05月17日
来源:天山网
【字体:

​يەككە ئايلىق كۆلىمى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد يۈەندىن ئاشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 137 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان. 4 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.1 ئېشىپ، يەككە ئايلىق كۆلىمى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ئاساسلىقى تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئېشىش، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولغان.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلىغا تايىنىپ، قورغاس، قەشقەر، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ ئوچۇق ئىقتىسادى بەس - بەستە تەرەققىي قىلدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %129.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %26.1ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 -، 3 - ئورۇندا تۇردى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.1 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40.5ىنى ئىگىلىدى.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەردىن نەپ ئېلىپ، ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تاشقى سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %92.7ىنى ئىگىلىدى؛ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %120.9 ۋە %16 ئاشتى.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 197 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.1 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %67.4ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.9 ئاشتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %91.5ىنى ئىگىلىدى؛ RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %258.6 ئاشتى.

ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى، ئادەتتىكى سودىنى ئاساس قىلغان سودا قۇرۇلمىسى مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.3، %111.9 ئاشتى.

ھازىر دۆلەت ئىچى بازار ئېھتىياجى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان پىروكاتلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %156.2 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.3 ئاشتى.

ئېكسپورت قىلغان تاۋارلاردىن قارىغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭنىڭ ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىنىڭ 20.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئېكسپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %152.1 ئاشتى.