ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى (چىخۇاڭ قۇرۇلۇشى)نى يولغا قويىدۇ

日期:2024年05月17日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى(چىخۇاڭ قۇرۇلۇشى)نى يولغا قويىدىكەن.

ئۇستازلار شاگىرت تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز پېشقەدەم دورىگەرلەر ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، يېڭى بىر تۈركۈم چىخۇاڭ ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرىدۇ. داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى، داڭلىق پېشقەدەم مۇتەخەسسىس ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى، چىخۇاڭ ئالىمى ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى دورىگەرلىكى خاس تېخنىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش تايانچ ئىختىساسلىقلىرى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمى تايانچ ئىختىساسلىقلىرى، غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرى جۇڭيى تېبابىتىنى ئۆگىنىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك ئەقلىي كۈچ بايلىقى ۋە بىلىم بايلىقى. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئاساسلىقى پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا يۈزلەنگەن ھالدا قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە قېزىپ، كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، ئىلىم - تەجرىبىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈردى.

كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىسى تەدرىجىي ھالدا توپلاش ۋە رەتلەش، تەھلىل قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش، خۇلاسىلەش ۋە تاۋلاش بىرلەشتۈرۈلگەن داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتخانىلىرى تۈرلۈك ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە رەتلەشنى ئاساس قىلىپ، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسى ھەم خاس تېخنىكىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، خۇلاسىلەش ۋە تاۋلاش ئارقىلىق، ئاخىرىدا كىلىنىكىلىق كېسەل كۆرۈش - داۋالاش لايىھەسى، تەجرىبە رېتسېپى ياكى تېخنىكا ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈردى. ماتېرىيال توپلاش، تەھلىل قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش، خۇلاسىلەش ۋە تاۋلاشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەم - باسقۇچنى بىر - بىرىگە زىچ باغلاپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەجرىبە، تېخنىكىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ خىل ئۇستازلار شاگىرت تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

«ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرى، پېشقەدەم دورىگەرلەرنىڭ ئىلىم - تەجرىبىسىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى زېڭ بىنفاڭ.