■ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش شەھەرلەردە سۇ كەمچىل بولۇشنى پەسەيتىشتىكى بىر مۇھىم يول بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە مەنبەدىن سۇ تېجەشنىڭ يېڭى ماھارىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شەھەر سۇ بايلىقىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئاچتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى.
■ئاھالىلەردىن باشقا سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۇ تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە، شىنجاڭ تېخىمۇ ئالدىدا ماڭدى. 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئاھالىلەردىن باشقا سۇ ئىشلىتىش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا باھا قوشۇش تۈزۈمىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى.
■يېڭى بىر ئەۋلاد سىمسىز تور، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇش ۋە سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ شەھەرلەردە سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
چوڭ - كىچىك بوستانلىقلارغا تارقالغان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھەرقانچە تەكىتلىسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
تارىختا بۇ تۇپراقتا شەھەرلەر سۇ سەۋەبىدىن گۈللەنگەن، سۇ سەۋەبىدىن خارابلاشقان ھېكايىلەر كۆپ قېتىم يۈزبەرگەن. كىروران قەدىمىي شەھىرى، نىيە خارابىسى... ئىلگىرى بىرمەھەل چاقنىغان مەدەنىيلىك قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە جىمجىت يېتىپ، كىشىلەرگە چوڭقۇر ئويلىنىشنى قالدۇردى.
ئۆتكەن ئىشلارغا مىڭ يىلدىن ئاشتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا شەھەرلىشىش مۇساپىسى تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن سۇ مەسىلىسى يەنىلا تەرەققىيات يولىنى توسۇپ تۇرغان غايەت زور سىناق. بەختكە يارىشا، بۈگۈنكى شەھەرلەر تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ مول ۋاسىتىلەرگە ئىگە بولۇپ، سۇ تېجەش يولىدا تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە ۋە ئىزدەنمەكتە.
كېرەكسىز نەرسىلەر گۆھەرگە ئايلاندى
ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش دائىرىسى كېڭەيدى
5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 33 - قېتىملىق «مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، زاۋۇت رايونى باغچە كەبى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى چېڭبېي ھاسىلىي سۇ چەكلىك شىركىتى يېڭى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى.
«چاتقال، دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، سېمىز، رەڭدار كارب بېلىقلىرى ئۈزۈپ يۈرەتتى. بۇ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىشنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلىي سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى يەن خۇسەي ناھايىتى ھاياجانلاندى.
پايدىلىنىلغان ھاسىلىي سۇ كېرەكسىز سۇ ياكى يۇندىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ سۈپىتى قايتا پايدىلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىچىدىغان سۇدىن باشقا سۇنى كۆرسىتىدۇ.
2022 - يىلى 2 - ئايدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ھاسىلىي سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرىدىن ئىبارەت سۇ كەمچىل تۆت شەھەر مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، رايون ھاسىلىي سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش قانات يايدۇرۇلدى. 2023 - يىلى 12 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ 2 - تۈركۈمدە رايون ھاسىلىي سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەر قاتارىغا كىردى.
2023 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چېڭبېي ھاسىلىي سۇ زاۋۇتىنى سۇ مەنبەسى قىلغان ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش مىقدارى 26 مىليون 380 مىڭ كۇب مېتىر بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەتكە ئىشلىتىلگىنى 10 مىليون 850 مىڭ كۇب مېتىر، شەھەرنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلگىنى 15 مىليون 530 مىڭ كۇب مېتىر.
شەھەرنى كۆكەرتىشكە ئىشلەتكەندىن باشقا، شىنجاڭ ھاسىلىي سۇ سۇلۇق يېرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، سانائەت كارخانىلىرى، سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ سۇ بايلىقىدىن ئايلانما پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
قاراماي شەھىرىدە يۇندى بىر تەرەپ قىلىش 2 - زاۋۇتى ھەر يىلى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىدىغان 20 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ھاسىلىي سۇ گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ يەردە قومۇشلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن، يۇلغۇنلار چېچەكلىگەن، قۇشلار ئۇچۇپ يۈرگەن بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدىغان ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئەركىن - ئازادە ئارام ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
فۇكاڭ شەھىرىدە 43 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن سۈت كالىسى باقمىچىلىق زاۋۇتى، ياۋچىيۈەن قاتارلىق ئالتە نۇقتىدا قۇرۇلغان يۇندى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتلىرى يىلىغا 1 مىليون 152 مىڭ كۇب مېتىر يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 2304 مو يەرنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، شەھەر مۇھىتى تازىلىقى، قۇرۇلۇش ئورنىدىكى چاڭ - توزاننى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بەردى.
ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش شەھەرلەردە سۇ كەمچىل بولۇشنى پەسەيتىشتىكى بىر مۇھىم يول بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە مەنبەدىن سۇ تېجەشنىڭ يېڭى ماھارىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شەھەر سۇ بايلىقىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئاچتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلاندى.
مېخانىزم ئارقىلىق يېتەكلەندى
مەنبەدىن سۇ تېجەشتە تەدبىرلەر كۆپ بولدى
قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونى «بىر ئائىلىدە بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ سائىتى بولۇش» بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، 2019 - يىلىدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى.
«0 − 96 كۇب مېتىر (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غىچە ھەر كۇب مېتىرىغا 1.8 يۈەن بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، 97 − 132 كۇب مېتىر (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غىچە ھەر كۇب مېتىرىغا 2.64 يۈەن بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، 132 كۇب مېتىردىن ئاشسا ھەر كۇب مېتىرىغا 3.48 يۈەن بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.» شىنجاڭ قومۇل سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆلچەمدە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئاساس سان قىلىپ ھېسابلىنىدۇ، نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ ئائىلىلەر مۇناسىپ ھۆججەت ياكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىسە، ھەر يىلى پەلەمپەيسىمان سۇ مىقدارى ئاساس سانىنى 29 كۇب مېتىر كۆپەيتىپ بېرىشكە بولىدۇ.
«ئاھالىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ سائىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسىنى ئىجرا قىلىش ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەشكە پايدىلىق.» ياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر ھەر ئايلىق سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، سودا بانكىسى ھەم تىجارەت زالى ئارقىلىق سۇ سېتىۋالسا بولىدۇ.
«ياشانغانلار ئەمدى ئۆچرەتتە تۇرۇپ سۇ سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ، پەرزەنتلىرى يان تېلېفون ئارقىلىق سۇ سائىتىگە قىممەت تولۇقلىيالايدۇ.» قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى سۈيجىڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە شى شىنلى مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ سائىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سۇ تېجەش ئېڭىم بارغانسېرى كۈچەيدى، ھەر يىلى تەخمىنەن 20 كۇب مېتىر سۇنى تېجەلەيمەن.
ئاھالىلەردىن باشقا سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۇ تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە، شىنجاڭ تېخىمۇ ئالدىدا ماڭدى. 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدىكى ئاھالىلەردىن باشقىلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا باھا قوشۇش تۈزۈمىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى.
پۈتۈن شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلغان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر − فۇكاڭ شەھىرى 2020 - يىلىدىن باشلاپ، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىچىملىك سۇ بىلەن سۇغىرىشتا ئىشلىتىدىغان سۇنى ئايرىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 48 كىلومېتىرلىق كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاساسىي تۇرۇبا تورىنى بەرپا قىلدى.
«فۇكاڭ شەھىرى 195 ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ئورۇن بىلەن 57 ئولتۇراق رايوننىڭ كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شەھەر رايونىنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان سۇ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېچىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان سۇنى مەنبەدىن ئاخىرقى ئۇچىغىچە ئۈزۈل - كېسىل ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋۇ دى.
سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇ پۈتۈن شەھەر ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان قاراماي شەھىرىدە، شىنجاڭ نېفىتلىكى شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار سۇنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ قالدى.
«شىركەت سۇ تېجەش خىزمىتىنى كارخانىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش شەكلى ۋە سۇ ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، سۇ بايلىقىدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ سۈپەت، ساغلاملىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش بۆلۈمىنىڭ 2 - دەرىجىلىك مەسئۇلى جاڭ چۈەن.
2023 - يىلى، شىنجاڭ نېفىتلىكى شىركىتى جەمئىي 365 مىڭ كۇب مېتىر سۇ تېجەپ، قاراماي شەھىرىنىڭ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ شەھەر ئاممىۋى ئىشلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى%50تىن %36كە تۆۋەنلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتا قوش نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەقىل - پاراسەت مەدەت بولدى
سۇ تېجەش بويىچە باشقۇرۇش تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەندى
«باشقۇرغۇچى خادىملار تاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق پۈتكۈل ھۈنەر - سەنئەت ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى چېڭبېي ھاسىلىي سۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چېن جيەن نەق مەيداندىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە شۇنداق تونۇشتۇردى.
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلىي سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ زاۋۇتتا ئىلغار O/A بىيو كۆلچىكى + MBR پەردىلىك بىيورېئاكسىيە ھۈنەر - سەنئىتى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مۇساپىدە ئادەمسىز باشقۇرۇش ئاقىل يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يېڭى بىر ئەۋلاد سىمسىز تور، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇش ۋە سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ شەھەرلەردە سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى.
تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 128 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سۇ ئىشلىتىش ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سۇپىسى قۇرۇپ، پەيتلىك ئېقىم مىقدارى، كۈندىلىك جۇغلانما ئېقىم مىقدارى، ئايلىق جۇغلانما ئېقىم مىقدارى، يىللىق جۇغلانما ئېقىم مىقدارىنى مۇۋاپىق پەيتتە ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن يىلدا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش خىراجىتىدىن تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن تېجەپ قالدى.
فۇكاڭ شەھىرى 95 مىليون 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشنى تەڭشەش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سۇ مەنبەسى، سۇ زاۋۇتى، تۇرۇبا تورى، بېسىم ئاشۇرۇش پومپا پونكىتى، يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئاھالىلەر سۇ سائىتى قاتارلىقلارغا قارىتا ئەمەلىي نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
قاراماي شەھىرى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا 20 نەچچە تۈردىكى جەمئىي 3592 ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەرسە تورى ئۈسكۈنىسى ئورناتتى، DMA تورلاشتۇرۇلغان ئولتۇراق رايوندىن 276نى قۇرۇپ چىقتى، پۈتۈن تور بويىچە دەل جايىدا بولغان سۇ كۈچى مودېل سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
«بىز پۈتۈن شەھەردىكى 9000دىن ئارتۇق قۇدۇقنى رەقەملەشتۈرۈپ ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر تۇرۇبا تورىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ئىلمىي تەڭشەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.» قاراماي شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى ۋېيكۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: قاراماي شەھىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدىن سۇ سىرغىپ چىقىپ زىيان بولۇش نىسبىتى ئۇدا كۆپ يىل %5تىن تۆۋەن بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى.
2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرىدىغان تۇنجى مەمۇرىي نىزامى «سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، سۇ تېجەش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ھەم ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە، 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى %20 شەھەر ياكى ناھىيە بازىرى (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىن باشقا) ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدىكەن.
ھازىرقى نىشان ئايدىڭلاشتى، ئەمما ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارغا جايلاشقان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۇ تېجەشتىن ئىبارەت بۇ جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىدە تېخى ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇرۇلمىدى، يەنە ئۇزاق مۇددەت سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. كەلگۈسىدە، تېخىمۇ كۆپ «ئۆتكەلدىن ئۆتۈش تەدبىرلىرى»نى يولغا قويۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قىياپەت بىلەن سىجىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.