شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە بىناكارلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىدىن 125 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىناكارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنسو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ دەل جايىدا تەربىيەلەپ، بىناكارلىق ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتا، ماھارەت ئىگىلەش ۋە ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىناكارلىق تۈرىدىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش كۆلىمى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى سىستېمىسى ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، بىناكارلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بىناكارلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشتە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۆلچەپ سىم تارتىش ئىشچىسى، قۇراشتۇرۇش سېلىسارى، سۇ، توك رېمونتچىسى، ئاجىز توكلۇق سىستېمىنىڭ ئايلىنىشىنى ئاسراش ئىشچىسى قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتى كەسپىي خادىملىرى نۇقتىلىق تەربىيەلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىناكارلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 340 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون GDPسىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %7تىن ئاشتى. بىناكارلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى.
شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى يېڭى دەۋر بىناكارلىق كەسپى ئىشچىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 2020 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ بىناكارلىق ساھەسىدە 1 - نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاتقانىدى. 2023 - يىلى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتىكى بىناكارلىق ھۈنەرۋەنلىرىدىن ئۈچ يىلدا 300 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. تۆت يىلدا، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك بىناكارلىق ھۈنەرۋەنلىرىدىن 520 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، 370 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.