5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئارتىسلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا «چىنە ئۇسسۇلى» ئوينىماقتا.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرسەي زېڭلېفوتوسى ۋە خەۋىرى) «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى دېگەن گۈزەل نامى بار، مەن ناخشا-ئۇسسۇلنى نامايان قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىننىڭ شىنجاڭ سارىيىغا كىرىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ھېس قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئۇسسۇلچى مېھراي كامىل مۇخبىرغا، 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئوينالغان ئۇسسۇل ئۇسسۇلنىڭ كىشىلەر ئېقىمىجەلپ قىلىشتەك قىممىتىنى نامايان قىلدى.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئارتىسلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مىللەتلەر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
شۇ كۈنى، 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى تور سىرتى كۆرگەزمىسى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ2-قەۋىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان قىزلار مۇزىكىغا جۆر بولۇپ شادىيانە شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئوينىدى ھەمدە ئويۇن ئارىلىقىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋارلىرىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىنى جەلپ قىلدى.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئارتىسلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئارتىسلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسەتمەكتە.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار 2024-يىللىق جۇڭگو داڭلىق ماركا كۈنى پائالىيىتى شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئارتىسلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى