كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىر، تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2024年04月30日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 5 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنى كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىر، تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى ئالاقە باغلىغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 5 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىنى كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىر، تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا 10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە 5 ـ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىنى كۆزىتىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مەزمۇن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. تاش ـ تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى قىلىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە ـ تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تۈزىتىش، تۈزەشنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ھەم پەيدا بولۇش سەۋەبىگە قارىتا، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈگۈن مەنبەسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. تۈزىتىش خىزمىتىنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆزىتىشتە يېڭىدىن بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن ئالدىنقى يىللىق مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەر، ئالدىنقى قېتىملىق كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش جايىدا بولمىغان مەسىلىلەر، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈش، بەنزىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى بۇ قېتىمقى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، مەۋقەنى ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ يەرلىك خاسلىقنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ياڭ شيۇلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.