4-ئاينىڭ 29- ۋە 30-كۈنلىرى شىنجاڭدىكى بۇ جايلاردا يەنە يامغۇر ياغىدۇ

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

4-ئاي چىقىپ كېتەي دېدى

گۈل غۇنچىلىرى ئېچىلىپ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلىدى

قۇياش نۇرى گاھ غايىب بولۇپ، گاھ پەيدا بولدى

ھاۋا تۇتۇلۇپ

باھار يامغۇرى بىردە يېغىپ، بىردە توختىدى

...

بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا

ھۆل-يېغىن، بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

ھەتتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى

شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا

يەنە ئۈششۈك كۆرۈلدى

كۆپچىلىكنىڭ قېلىنراق كىيىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز


لېكىن بۇ پەسىلدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاجىز بولىدۇ

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبلىك ئۆزگەرگەن ھاۋارايى جەريانى بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ

ئۇنىڭ ئۈستىگە باھار يامغۇرى كۈز يامغۇرىغا ئوخشىمايدۇ

ھەر قېتىملىق باھار يامغۇرىدىن كېيىن

تېمپېراتۇرا ئاساسەن دېگۈدەك يەنە ئۆرلەيدۇ



4-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن 30-كۈنى كېچىگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا

ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)

ئىلى دەريا ۋادىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ

قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ

قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ

شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا 10 بال ئەتراپىدا قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ

8 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ


قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزان ياكى قۇم-بوران چىقىدۇ

ئامما سىرتقا چىققاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى

ھەمدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن بولغان كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش

ھەم قاتناش، يول يۈرۈشكە بولغان پايدىسىز تەسىردىن ساقلىنىشى كېرەك

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا

4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاپتاپ ئوبدان چىقىدۇ

سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىللىق ھاۋا ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا

ئىللىق ھاۋا تېخىمۇ ئۈستۈنلۈكنىئىگىلەيدۇ

تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ

لېكىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولىدۇ

ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە

بەدەن سوغۇقنى ھېس قىلىدۇ

سەمىمىي ئەسكەرتىش

يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ ھەم كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، كەڭ ئاممىغا ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىش، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن ئىگىلەش، ئىمكانقەدەر كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى مەزگىلىدە سىرتقا چىقماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

4-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدىن 29-كۈنى كۈندۈزگىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالى قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە تىيانشان تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي، شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقتا ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال كۈچى سەككىز-توققۇز بالغا يېتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا چاڭ-توزان چىقىدۇ ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى كېچىدىن 30-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

4-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزگىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن رايونلار ۋە تىيانشان تاغلىق رايونى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىۋە شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 12 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

ئالدىن مەلۇمات ۋە خەۋپ-خەتەردىن سىگنال بېرىشكە تەرسىر كۆرسىتىش ئەسكەرتمىسى:

1. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچە، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى قاتناش-تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، شەھەر يۈرۈشتۈرۈشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن قوللىنىش كېرەك.

2. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرى ۋە تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ۋىلايەت، ئوبلاست، مەركىزىي شەھەرنىڭ 24 سائەتلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتى


ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتى

4-ئاينىڭ 28 -كۈنى كېچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ؛ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈندۈزى ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 19 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 23 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.


پۈتۈن شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتى


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى