ياڭاق، نەشپۈت، ھۆل ئۈزۈمنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى تېز ئاشتى

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

  ئاپتور: ساۋ خۇا

ياڭاق، نەشپۈت، ھۆل ئۈزۈمنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى

ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى تېز ئاشتى


  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-، 2-ئايدا، شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكسپورتى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، تۈرلۈك مېۋە-چېۋىدىن جەمئىي 32 مىڭ توننا ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئېشىپ، ئېكسپورت سوممىسى 380 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكسپورتىدا ئاساسلىقى ياڭاق، بادام، ھۆل ئۈزۈم، ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل، چىلان قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭاق، نەشپۈت، ھۆل ئۈزۈم ئېكسپورتى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان، ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 184 مىليون يۈەن، 62 مىليون يۈەن، 41 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى خاس باغ-ئورمان بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مېۋە-چېۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكسپورت قىلىش بويىچە تىزىملىتىلغان مېۋىلىك باغلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىئېكسپورت كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، مېۋە-چېۋە خەلقئارا بازىرىنى ئېچىشتا نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئېكسپورت سالاھىيىتىگە ئىگە باغ-ئورمانچىلىق كارخانىسى 300دىن ئېشىپ، سانى 2022-يىلىدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى؛ چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋە-چېۋىلەر بويىچە تىزىملىتىلغانمېۋىلىك باغ سانى 205كە يېتىپ، سانى 2022-يىلىدىكىدىن %100كە يېقىن ئاشتى.

  شىنجاڭ مېۋىلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش» قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى شىنجاڭ جەمئىي ئېكسپورت قىلغان تۈرلۈك مېۋە تەخمىنەن 200 مىڭ توننا بولۇپ، 2022 ـ يىلىدىكىدىن %150كە يېقىن ئاشقان؛ مېۋە-چېۋە ئېكسپورت سوممىسى تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2022-يىلىدىكىدىن %80كە يېقىن ئاشقان. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرى خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن، مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمانچىلىق كەسپىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن باغ-ئورمانچىلىقئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ باغ-ئورمان كەسىپ بەلبېغى «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 2024-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مېۋە-چېۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 8 مىليون 800 مىڭ توننا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 62 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى