ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشتا كىم ئەڭ قالتىس «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە ئېنىق بولىدۇ

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىرشيې لۇڭخەۋەر قىلىدۇ) «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايون(تۇدۇڭخابا رايونى)لۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى» ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ماھارىتى مۇسابىقىسى باشلاندى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى ۋە سودا ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق كارخانىدىن كەلگەن 45 ماھىرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. مۇسابىقىدە نەزەرىيە بىلىملىرى يېزىقچە ئىمتىھانى، ماھارەت ئەمەلىي مەشغۇلاتىنى باھالاشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ ئارقىلىق، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئاپتوموبىل موتورىنى قوزغاتقىلى بولماسلىق، كاشىلىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش؛ ئاپتوموبىل چىراغ سىستېمىسى يورۇماسلىق، كاشىلا تۈگىتىش؛ ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ماي سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى ياخشى بولماسلىق، كاشىلىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى تېخنىكىسى ئومۇميۈزلۈك سىنىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا ئىش ئورنى ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان، تېخنىكا ماھارىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىلىپ، «يېتىشىۋېلىش، ئۆگىنىش، بەسلىشىش، ئېلىشىش» كەيپىياتى پائال يارىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ شارائىت يارىتىلغان.


4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋەنتۇڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋەنتۇڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋەنتۇڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقانماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى

4-ئاينىڭ 26-كۈنى،ئۈرۈمچى ۋەنتۇڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىشيې لۇڭفوتوسى


4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلا نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى