پۈتۈن شىنجاڭدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى 2350كە يەتتى، بۇلتۇرلا 161ى كۆپەيدى

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىردۇڭ لياڭ) «ھازىرقى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ئۈسكۈنىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، مۇلازىمەت سۈپىتىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، بېزەش ئۇسلۇبى ياشلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىغا تېخىمۇ ماس كەلدى»، دېدى 4-ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى دى يۈلياڭ مۇخبىرغا.

«2023- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىنىڭ سانى 2350كە يەتكەن بولۇپ، 2023- يىلىلا 161ى كۆپەيگەن. گەرچە ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بىر مەھەل چۆلدەرەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيلىرىدىكى قىزغىنلىق تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.


ئايال بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى مەشىقى قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى چېنىقىش مەيدانلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ياشلار ياخشى كۆرىدىغان ئامىللار بىلەن بېزەش ئاساسىدا، ھەر خىل ئىقتىدار رايونلىرىنى كۆپەيتىپ، گۈزەللىك گىمناستىكىسى، ئېلىشىش گىمناستىكىسى، يوگا قاتارلىق ئامما ياخشى كۆرىدىغان كوللېكتىپ دەرسلىكلەرنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلپ قىلدى.


بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى شەخسىي تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەدەن چېنىقتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

نۇرلۇق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق دى يۈلياڭ دائىم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «A. مەن» ساغلاملىق سارىيى (خۇڭشەنخۇي دۇكىنى)غا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، «بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك مەزمۇنغا ئايلاندى»، ۋۇخەندە داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر يۇرتىغا قايتىپ پىراكتىكا قىلىۋېتىپتۇ.


4- ئاينىڭ 26- كۈنى، «A. مەن» بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى(خۇڭشەنخۇي دۇكىنى)دا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى بەدەن چېنىقتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

«بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى ئاممىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تۆھپە قوشتى». ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جيايوۋ زەنجىرسىمان بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرى ۋە <A. مەن> بەدەن چېنىقتۇرۇش زەنجىرسىمان بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 2018- يىلى ۋە 2020- يىلى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەت تەنتەربىيە كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ باھالاندى.


شىنجاڭ داشۆنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەدىنە ئەسقەر بىلەن جياڭ يەنمېي بىللە بەدەن چېنىقتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

ئەدىنە ئەسقەر بىلەن جياڭ يەنمېي شىنجاڭ داشۆنىڭ 4- يىللىقىدىكى ساۋاقداشلار، ئۇلارمۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش سېپىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، «بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادەمنى ئوچۇق- يورۇق قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىدىكەن، لاتاپەتتە كۆزگە كۆرۈنىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان قىلىدىكەن»، دېدى ئەدىنە.