1241 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى! شىنجاڭدىكى بۇ مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاۋ چۇنخۇا) «بىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر بىرلىشىپ قۇرغان پۇقراۋى كارخانا، بۈگۈن مەمۇرىي مەخسۇس خادىم، تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش، ساياھەت زاكازچىسى قاتارلىق 26 ئىش ئورنىنى ئېلىپ كەلدۇق، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز!» دېدى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ جۈنچۇاڭيۈەن پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ يەنشيا كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە كارخانىنى قىزغىن تونۇشتۇرۇپ.

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئادەم كۈچى بايلىقى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.


4- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. گاۋ دى فوتوسى

خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ ۋە بىرمۇبىر تاللاپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى كىشىلەر توپىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى. شىنجاڭ توغراق كابېل ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى، خەيلۇڭچۈەن گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 46 پۇقراۋى كارخانا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەيدانىغا كىرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىشسىزلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان جەمئىي 1224 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 17- كۈنى «2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى» پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئۆز جايىنىڭ خاس كەسىپلىرى ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردىكى خىزمەتچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ساھەسى بويىچە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانى، ئۇچۇر كەسپى بويىچە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدانىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇپ، «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» 2024- يىلى مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە سەييارە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان، «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى پۇقراۋى كارخانىلارغا كىرىش»، «كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش» قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خادىملار بىر قەدەر توپلاشقان مەھەللە، يېزا- بازار (كەنت)، سودا ساراي، كەچلىك بازار قاتارلىق جايلاردا كىچىك كۆلەملىك، زاكازلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزگەن.