يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولدى، تەمىنلەش سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆستى

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بازىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتى تېزلىتىلدى. ھەرقايسى جايلار كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد 138 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2014- يىلىدىن بۇيانقى 1- پەسىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلدى

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تېمپېراتۇرا ئۆرلەشتەك پايدىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، كەم- كوتسىز ھالدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ناھىيە، شەھەر، يېزا، كەنت ۋە كونكرېت يەر بۆلەكلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

«بېيدوۋ يول باشلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى تېرىش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.» شىخۇ شەھىرى خاتۇبۇخ بازىرى خوتخۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خۇاڭ شاۋتاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن قوناق تېرىشتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارقىلىق تۈجۈپىلەپ تېرىشنى قوللىنىپ، ئادەم كۈچى ۋە دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى تېجەپ قالدىم، بۇنداق بولغاندا تېرىش ھالقىسىدىلا تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئائىلىمىز تېرىغان قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنىڭ 1.4 توننىدىن ئېشىپ، مو بېشىدىن قىلىنىدىغان ساپ كىرىمنىڭ 1200 يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئەتىيازدا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، بوران چىقىش قاتارلىق پايدىسىز ھاۋارايى بىر قەدەر كۆپ بولدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە، مۇلازىمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئەتىيازلىق تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھاۋارايىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ۋىلايەت، ئوبلاست مۇلازىمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالىي يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسىدىن 21نى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 21 چوڭ ناھىيەگە چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتتى، ئۇلار نۇقتىدا تۇرۇپ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك- ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئەھۋالى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كېۋەز، قوناق كەڭ كۆلەمدە تېرىش مەزگىلىگە كىرگەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا يازغى بۇغداي ئارقا- ئارقىدىن تېرىلغان، قىسمەن رايونلاردا قوناق، كېۋەز كەڭ كۆلەمدە تېرىش مەزگىلىگە كىرگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە 32 مىليون مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلىپ، تېرىش سۈرئىتى %40كە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون موغا يېقىن ئاشقان.

ئاساسىي كاپالەت مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى

ئەتىيازدا قانچىلىك سۇ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقى بۇ يىل قانچىلىك يەر تېرىغىلى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن بۇيان، نىيە ناھىيەسى روكىيا يېزىسى ئوتلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇ باشلاپ سۇغىرىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دېھقانچىلىق ۋە سۇچىلىق تارماقلىرىدىكى تېخنىكلار ئېتىزلارغا كېلىپ، دېھقانلارغا ئېتىز پەرۋىشى ۋە سۇغىرىش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئاساسىي قاتلامغىچە يەتكۈزدى، ئېتىز باشلىرىدا قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

«بۇ يىل ئەتىيازلىق سۇغىرىش ۋاقتىدا بولدى، سۇ يېتەرلىك كەلدى، يەنە تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، ھوسۇلىمىز چوقۇم بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى سىدىق تۇرسۇن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى چوڭ دەرياغا سۇ كېلىش، سۇ ئامبارلىرىدا سۇ ساقلاش، قۇرۇلۇشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، زىرائەت مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىش، ئەتىيازلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى دەريا ئېقىنى، سۇ بۆلۈش ئېغىزى، سۇغىرىش رايونى، ئېتىزلارغا ئاي بويىچە ماسلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىلمىي تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سۇ ئىشلىتىشكە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.

4- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى جەمئىي 4 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش كۆلىمى جەمئىي 29 مىليون 294 مىڭ 400 مو قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليون 150 مىڭ مو قېتىم كۆپ سۇغىرىلدى. چوڭ دەرياغا سۇ كېلىش ۋە سۇ ئامبارلىرىدا سۇ ساقلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقى ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

يېقىندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇرۇق، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تەمىنات- سودا قاتارلىق تارماقلار خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق مەھسۇلات ۋە رايونلارغا چىڭ تىكىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنىڭ نورمال ئوبوروت تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يۆتكەش، تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشنىڭ ۋاقتىدا، قولايلىق بولۇشى، سۈپىتىنىڭ ئەلا، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، ساختا، ناچار ئۇرۇقلار ئارقىلىق دېھقانلارنى توزاققا دەسسىتىش، دېھقانلارغا زىيان سېلىش، ئوغۇتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يېتەرلىك بولماسلىق، سولياۋ يوپۇقنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنى مەنبەدىن توسۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدا، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، مەھسۇلات سۈپىتى مۇقىم بولدى. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنى ساختا، ناچار ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، كۆز بوياپ ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەسىلىسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

باقمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولدى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى، باقمىچىلىقنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىلدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى، يېڭى سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان چوڭ كۆلەملىك باقمىچىلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆلچەكتە سۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقىدا بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سېتىپ چىقىرىش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇردى.

ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ، «ئوت يۇرتى» دەپ نام ئالغان تۇرپان شۇ جاينىڭ سوغۇق سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سوغۇق سۇ مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق سالمون بېلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باقتى.

«تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق.» شىنجاڭ داساۋخۇ سوغۇق سۇ بېلىقى چەكلىك شىركىتى باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى جاۋ جۇڭبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانا قۇرۇقلۇقتا ئېقىن سۇدا بېقىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئېقىندىن كەلگەن تىيانشان بۇلاق سۈيىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ئارىلىقىنى ساقلىدى، تۇرپاندا ئەڭ ئىسسىق بولغان چاغدىمۇ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بۇ، سالمون بېلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماس كېلىدۇ.

بۇلا ئەمەس، يۇقىرى ئېقىندىن كەلگەن سوغۇق سۇ بايلىقى سالمون بېلىقى باقمىچىلىق مەيدانىدىن ئۆتۈپ، بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئورگانىك ئوغۇت (بېلىق چىقىرىندىلىرى)نى ئېلىپ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ئارقىلىق داۋاملىق ئېتىزغا ئېقىپ كىرىپ زىرائەتلەرنى سۇغاردى، بۇنىڭ بىلەن سۇ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل، شىنجاڭ داساۋخۇ سوغۇق سۇ بېلىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق سالمون بېلىقى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 500 توننىدىن 800 توننىغىچە بولۇشى مۆلچەرلەندى، مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ.

چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كالا، قوي باقمىچىلىقىدا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، مىقدارىنى كۆپەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ نەسىللىك چارۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۆش قويىنى كۆپەيتىش مەيدانى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ پادىنى كېڭەيتىپ مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توقسۇ ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسىنى گۆش كالىسى كەسپى بويىچە تۆت نۇقتىلىق ناھىيە قىلىپ بەرپا قىلىپ، سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارنى پائال مۇقىملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈش، تۆل ئېلىش- قوزىلارنى پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ھەر دەرىجىلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق تارماقلىرى ئەتىيازلىق ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، «ئىممۇنىتېتلاشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىممۇنىتېتلاش، بوشلۇق قالدۇرماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى.