بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يەنە سوغۇق ھاۋا بارمۇ؟ تېمپېراتۇرا ئۆرلەمدۇ ياكى تۆۋەنلەمدۇ؟

日期:2024年04月30日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە

مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي» مەزگىلىدە (1-مايدىن 5-مايغىچە)

شىمالىي شىنجاڭدا بىر مەيدان ئوتتۇراھال ۋە ئاجىز

ھۆل - يېغىن ياغىدىغان، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان ھاۋا رايى كۆرۈلۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا

باشقا ۋاقىتتا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا

ھاۋا ئوچۇق، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ

سەپەرگە چىقىشقا ماس كېلىدىكەن

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شۇنى نۇقتىلىق ئەسكەرتىدۇكى

«1 - ماي» مەزگىلىدە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ

ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن

تاغلىق رايوندا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ

ئامما مۇۋاپىق پەيتتە قېلىنراق كىيىنىپ

سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك

ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچقۇرۇندىن 3 - كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر (قار) ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلار ۋە تۇرپان شەھىرىدە ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، بوران ئېغىزىدا شامال كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە، ئۆتكۈنچى بوران 12~11 بالغىچە بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم - بوران كۆتۈرۈلۈشتەك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

ھۆل ـ يېغىن بىلەن تەڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا℃5ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃5—℃3قاتۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى باشقا تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃8—℃5قاتۆۋەنلەيدىكەن؛ تاغلىق رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10-—℃1-قا تۆۋەنلەيدىكەن. بايرام مەزگىلىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.


5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كېچىدىن 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كۈندۈزگىچە

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ

5 ~ 4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ

بايرامنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا

ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچقۇرۇندىن كېچىگىچە

ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنڭ قىسمەن جايلىرىدا كۈچلۈك ھۆل - يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

قىيان ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈزبېرىش خەۋپ - خەتىرى چوڭ بولىدۇ

ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك

ساياھەتچىلەر بۇ مەزگىلدە تاغقا كىرىش پائالىيىتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى

باشقا تارماقلارمۇ ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم


5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كېچىدىن 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كېچىگىچە

شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى بوران ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىرقەدەر چوڭ

سەپەرگە چىقىشقا پايدىسىز تەسىرى بار

قاتناش تارماقلىرى يول بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنىكۈچەيتىپ

قاتناش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك

ئۇنىڭدىن باشقا

ئاممىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان

ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان

ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇمات، سىگناللارغا دىققەت قىلىپ

ساياھەت ۋە سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم

ئۈرۈمچى

سانجى

شىخەنزە

قاراماي

غۇلجا

تارباغاتاي

بورتالا

ئالتاي

تۇرپان

قومۇل

كورلا

ئاقسۇ

ئاتۇش

قەشقەر

خوتەن