«مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەشنى خالايمەن»

日期:2024年04月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

«ئەگەر تۇغقىنىم جاڭ يۇڭدې ياردەم قىلمىغان بولسا، خوتۇنۇم بىلەن يەنە 10 يىل ئىشلىسەكمۇ، ھازىرقى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم» دېدى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىئىشچىلارنىڭ يۈك چۈشۈرۈشىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان ئەكبەر تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا.

ئەكبەر 32 ياش، جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى كۆكقاشا شىمالىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ مۇخبىرغا جاڭ يۇڭدې بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، جاڭ يۇڭدېنىڭ ئۇنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغادوستانە بېرىش-كېلىش قىلىش،باشقىلارغا كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بەرگەندىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەۋېتىپتۇ.

«بىزنىڭ ياخشى كۈنلىرىمىز تەستە قولغا كەلدى، باشقىلارنىڭ بىزگە ياردەم قىلغاندىكى مېھىر-شەپقىتىنى بىر ئۆمۈر ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەك.» ئەكبەر خۇشال ھالدا مۇخبىرغا جاڭ يۇڭدې بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

جاڭ يۇڭدې 51 ياش، 2020-يىلى 4-ئايدا، ئۇ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭكۆكقاشا شىمالىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان. شۇ يىلى 6- ئايدا، ئۇ كەنت ئاھالىسى ئەكبەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تۇغقانلاشقان.

«ئەينى چاغدا خوتۇنۇم ئىككىيلەن پارچە-پۇرات ئىش قىلاتتۇق، كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئوي-خىيالىمىزمۇ يوق ئىدى، جاڭ تاغام ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىككىمىزگە ياردەم بېرىشكە باشلىدى. ئەكبەرنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ يۇڭدې ئۇنىڭ ئويمىچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىقىشىنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.

جاڭ يۇڭدېنىڭ ياردىمىدە، ئەكبەر سانجىدىكى بىر ياغاچ بۇيۇم پىششىقلاشزاۋۇتىغا بېرىپ تېخنىكا ئۆگەندى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ئاچتى. 2022-يىلى، ئەكبەر ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىمۇ سېتىۋالدى. «جاڭ تاغام سودامنىڭ شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنى سودىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى» دېدى ئەكبەر. 2023-يىلى، جاڭ يۇڭدې ئەكبەرنىڭ 500 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، يەنە 460 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يېڭى زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىشىغا ياردەم قىلدى.

«بۇ ئىككى يىلدا، زاۋۇتنىڭ يىللىق ساپ پايدىسى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بىر قىسىم يېرىم تەييار مەھسۇلات ۋە پارچە-پۇرات ئۇششاق ئىشلارنى كەنتتىكى ئالتە ئويمىچىلىق دۇكىنىغا بەردىم. 42 كەنت ئاھالىسى مېنىڭ زاۋۇتىمدا ئىشلەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرىمۇ مەندىن تېخنىكا ئۆگىنىشنى خالايدۇ.» ئەكبەر مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىللە پۇل تاپقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.

ئەكبەرنىڭ خوتۇنى رايىلە ئىمىنجان مۇنداق دېدى: ئېرىمنىڭ سودىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇ، جاڭ يۇڭدېنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، «ئۇ بىزگە زاۋۇت ئۆيى ۋە مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىپلا قالماي، ئەتراپىدىكى دوستلىرىنى مەھسۇلاتنى تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئىش كۆپەيگەندەيەنە ئىشچى تېپىپ بەردى».

ئەكبەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىنىڭ باياشات ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،جاڭ يۇڭدېناھايىتى خۇشال بولدى، «ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىمۇ ئۆزىنىڭ جاپاغا چىدايدىغان ياخشى پەزىلىتىدىن ئايرىلالمايدۇ».

جاڭ يۇڭدېنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، رايىلە بۇ يىل كەسپىي ئىشتات ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، يېزا كادىرى بولدى.

«جاڭ تاغام ئالدىمىزدا يول باشلاۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئەكبەر.