ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى كوللېكتىپ قانات يايدۇردى

日期:2024年04月25日
来源:天山网
【字体:

​ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئايدىكى ئۈرۈمچى باھار تۈسىگە چۆمدى، گۈللەپ ياشنىدى، بۇ دەل كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىدىغان پەيت. 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى - شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكولوگىيە ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق، ساپ بولۇپ، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئىللىق باھار شامىلىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەمكارلىشىپ كۆچەت تىكىۋاتقان بولۇپ، ھەممە جاي ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا كۆچەت تىكىۋاتقانلار سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىيونېرلار قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى. توپا تىندۇرۇپ قىر چىقاردى، سۇ ئەكېلىپ سۇغاردى، كۆپچىلىك ئارقا - ئارقىدىن تاشئالما، ئالما قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكتى.

«ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟» «ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلامسىز؟» ما شىڭرۇي كۆچەت تىككەچ ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ ساۋاقداشلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇپ، ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئىناق چوڭ ئائىلە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى. كۆپچىلىك تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپلا قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشى كېرەك. كۆپچىلىك ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىمىز، سىلەرنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - بەنفاڭگۇ، ئۈرۈمچى - شۇيشىگۇ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى رايوندا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي بوشاشماي كۆچەت تىكىپ، يېشىللىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، 29 مىڭ 300 مو كۆلەمدە ئىھاتە ئورمان رايونى بەرپا قىلىشنى تاماملىدى. كۆچەت تىكىش ئارىلىقىدا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يېشىللىقنى ياخشى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ تەنھەرىكەت، ئىستىراھەت قاتارلىق ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئورمان باغچىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، كۆكەرتىلگەن رايوننىڭ مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش بىلەن سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېشىللىق ئاساسىي رېڭىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش كېرەك. سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، تەستە قولغا كەلگەن كۆكەرتىش نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە توسۇقىنى ھەقىقىي تۈردە مۇستەھكەملەش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 450 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.