مۇقىم، ساغلام يۈرۈشتى، ئۈنۈم ياخشى بولدى

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:

− 1 ـ پەسىللىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى توغرىسىدا تەھلىل

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد 138 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2014 ـ يىلىدىن بۇيانقى 1 ـ پەسىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى؛ پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 1251 بولۇپ، تاماملانغان سېلىنما سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %75.1 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 15 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ بارلىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 6394 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشتى... 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام يۈرۈشتى، ئۈنۈمى ياخشى بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئۆتكۈزگەن 2024 ـ يىلى 1 ـ پەسىللىك ئاپتونوم رايون ئىقتسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ «ئاساس بار» «تىرەك بار» «سۈپەت بار» «ھاياتىي كۈچ بار» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىدە نامايان بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى خۇلاسىلىدى.

ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىدا «ئاساس بار»

سانائەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». 1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون سانائەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچىدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2023 ـ يىلىدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.

نۇقتىلىق ساھەلەر سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1 ـ پەسىلدە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىكى 12 نۇقتىلىق ساھە ئىچىدە، ئون ساھەدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مېتاللوئىد، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خىمىيە سانائىتى ساھەسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %23.4، %9.5 ۋە %9.1 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ جەمئىي 4.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

چوڭ ـ چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك. شىنجاڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز قۇرۇپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 1251. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، شامال كۈچى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.2 ئاشتى.

«كېيىنكى باسقۇچتا، 2 ـ پەسىللىك تۈر قۇرۇلۇشى ئالتۇن مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك» دېدى خاۋ جۈنچىڭ.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇردى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى. چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، 1 ـ پەسىللىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %89.9كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىنىشىدا «تىرەك بار»

ھازىر، شىنجاڭ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلماقتا. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشى بۇنىڭ ئىچىدە ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى.

خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تېخنىكا تەركىبى ۋە قوشۇلما قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىدە بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئىلغار ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سىجىل مۇقىم بولدى، يېڭى كەسىپلەردە بىرقەدەر تېز ئېشىش بولدى. كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %6.2 ۋە %16.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 8.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.

كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىمۇ بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتى ساقلاندى. 1 ـ پەسىلدە، لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە، ئېلېكتىرونلۇق دېتال، تىرانسفورموتور ۋە شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 12.8 ھەسسە، 2.4 ھەسسە، %24.5 ۋە %21.9 ئاشتى.

سېلىنما جەھەتتىن قارىغاندا، 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدا يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈر 121 بولۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.2 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 21.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «ئەۋزەل، خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش چۆرىدىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، سېلىنمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى» دېدى خاۋ جۈنچىڭ.

تەرەققىياتنىڭ ئەلالىشىشىدا «سۈپەت بار»

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك جارى قىلدۇرۇلدى؛ يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بازىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتى تېزلىتىلدى... ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلمىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەلالاشتى.

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى. 1 ـ پەسىلدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىكى ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 122 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى؛ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 379 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئاشتى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليارد 504 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشتى؛ توك چىقىرىش مىقدارى 132 مىليارد 15 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى.

دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى، چوڭ تىپتىكى شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى سىجىل تېزلىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى. 1 ـ پەسىلدە، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىكى توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %19.7 بولدى.

ئاپتونوم رايون ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، خاس مېۋە ـ كۆكتات ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەسلىھەلىك مېۋە (قوغۇن ـ تاۋۇز ۋە باغ ـ ئورمان مېۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومۇمىي ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 ھەسسە ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 8.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە شوخلىچاق، لەنمېي، ئادەمگىياھ مېۋىسى ۋە گىلاس قاتارلىق ئەسلىھەلىك مېۋىلەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ھوسۇلى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 372 توننا، 198 توننا، 83 توننا ۋە 201 توننىغا يەتتى.

بازارنىڭ جانلىنىشىدا «ھاياتىي كۈچ بار»

باھار كېلىپ دەريا سۈيىنىڭ ئىللىغانلىقىنى ئاۋۋال ئۆردەك بىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك ـ يېتەرلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «بارومېتىرى»، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 41 مىليون 13 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.9 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 43 مىليارد 740 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.8 ئاشتى. 1 ـ، 2 ـ ئايدا، كۆلەمدىن يۇقىرى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ھەم ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 ھەسسە ئاشتى.

ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئۆرلەپ، ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى قىسمەن تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى. نورمىدىن يۇقىرى ئورۇنلاردا تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.4 ھەسسە ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2 ھەسسە ئاشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسىدىن مەبلەغ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئېشىش ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر قەرز پۇلى %12.3 ئاشتى، كارخانا (كەسپىي) ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى %12.8 ئاشتى.

خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈپ، ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى».