ئاپتونوم رايون يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى خىزمەت ۋەزىيىتى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، خەۋپ ـ خەتەرنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكى ۋە باھانى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىدىكى ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپكە چىڭ قادىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكى ۋە بازار باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى زىيىنى ئېغىر، خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نۇقتىلىق ساھەلەردە مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش ـ سېتىش، كىنىشكىسىز ئىشلەپچىقىرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇرۇج قوشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكىگە بولغان ئۈمىدىگە تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باھانى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، بولۇپمۇ ساياھەت باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر مەقسەتتە ساياھەتچىلىكنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھا تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، باھانى ئېنىق يازماسلىق، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، باھادا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساياھەتچىلەرنى ئالداش، ساياھەتچىلەرنى قاقتى ـ سوقتى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى بولغان ئىستېمال مۇھىتى، بازار مۇھىتى، ساياھەت مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.