1-پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:


1-پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 93 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 37.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپ بولدى، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتى ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋېلىپ، تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

1-پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %53.4ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت ئازايدى؛ ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %35ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 9.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.