ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2024年04月24日
来源:天山网
【字体:

رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان» رەقەملىك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇت بايلىقىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى توپلاپ ئىدارە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى مەدەنىيەت، داۋالاش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن مۇلازىمەتتىن ئومۇمىي مەنپەئەتدار پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئامما ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كەسكىن، قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا، تەجرىبە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، تاشلاندۇقلاردىن ئايلانما پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش بويىچە بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى قىلغان ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش زەنجىرىنى تولۇقلاپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشتىن ئىبارەت يېڭى مودىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيوتېببىي دورا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ زەنجىر شەكلىدە، توپلىنىش شەكلىدە يۆتكىلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن مۇھىم ئامىللىق، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن دەۋرىيلىك بولغان ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يىغىن قائىدىسى» قاتارلىق تۆت تۈرلۈك قائىدە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەم تەركىبىدىكى ھەرقايسى تارماقلار تۈرلۈك خىزمەت قائىدىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تىرىشىپ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ھەم تۈزۈم قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.