بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 55 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

日期:2024年04月24日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ شياڭخەۋەر قىلىدۇ)4-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ئالدىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىدا رەسمىي دەرس باشلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭتەسىر كۈچى ۋە قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا ئاشتى. 2023-يىلى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى26 مىڭ 908 كىشى بولۇپ، بۇ يىل 55 مىڭ 818 كىشىگە كۆپەيدى.

2024-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ئېلىنىدۇ. ھازىر، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئاخىرلاشتى، ئىمتىھان بېرىدىغانلار ئىمتىھانغا جىددىي تەييارلىق قىلىش ھالىتىگە كىردى.

بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەربىيىلەشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى ھەمكارلاشقان، شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسى ئۈستىگە ئالغان. 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى سىنلىق بىۋاسىتە ئوچۇق دەرس ئۆتۈش شەكلى ئارقىلىق توردا دەرس ئۆتۈلۈپ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنى ئىمتىھاندىن بۇرۇن ھەقسىز تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەربىيەلەش مەزمۇنى جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى، جەمئىيەتخىزمىتى ئەمەلىيىتى، جەمئىيەت خىزمىتى قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان خادىملارنىڭ ئىمتىھان ماھارىتى ۋە ئالاقىدار بىلىملەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ،شىنجاڭدىكى كىنىشكا ئالغان جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى سىجىل زورايتىلىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ.

دۆلەت جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى كەسپىي سالاھىيەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بولۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ياردەمچى جەمئىيەت خىزمەت ئۇستىسى، جەمئىيەت خىزمەت ئۇستىسى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ تۆۋەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئىكەنلىكى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت ئېھتىياجى ۋە تەسىس قىلىنغانئىش ئورنىئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇناسىپ دەرىجىدىكى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلسا (تەيىنلىسە) بولىدۇ.