جۇڭخۇا تارىخ ئاسمىنىغا نەزەر سالغان شىنجاڭلىق يىگىت

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

​− تور يازغۇچىسى ئىلتەمىر پەرھاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، جيې ۋېنجىن، رېن جياڭ

2003 - يىلىدىكى كۈز پەسلىنىڭ بىر كۈنى، شىنجاڭنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ئالتە ياشلىق بىر بالا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسخانىسىدا، مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ 20 يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ «تالانت ئىگىسى دەرىجىلىك» ياش تور يازغۇچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەستانىلەر تەرىپىدىن سەمىمىي ھالدا «شىنجاڭلىق بۆرىچاق» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى؛ ئۇنىڭ كىتاب مەستانىلىرى نەچچە مىليونغا يېتىپ، ئەسەرلىرى ھەرقايسى تورلاردا كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، كۆپ ئوقۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى.

2024 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ چىن، خەن، ئىككى جىن سۇلالىسى تارىخىي پاكىتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلغان زامان ھالقىغان تور رومانى «باش كىيىملىكلەر دەريانىڭ جەنۇبىغا يۆتكەلمىسۇن» «مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش تور ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ھەم 3 - نۆۋەتلىك ئانار لوڭقىسى ئەسەر قوبۇل قىلىش بويىچە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى»دا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، توردا ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى ئېلان قىلغان چاغدىكى بىر پارچە سۈرىتى بار بولۇپ، سۈرەتتىكى كۈلۈپ تۇرغان چېھرى خۇددى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن چوڭ ئانارغا ئوخشايتتى.

«بۆرىچاق»نىڭ يىلپىزغا ئايلىنىشى

ئالىيجاناب كىشىلەر خۇددى يىلپىزغا ئوخشاش ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بەدىنىدىكى سىزىقلىرى بارغانسېرى چىرايلىق بولىدۇ، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

− «جوۋيى . شياڭسى . گې»

«ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىياپىتى ھەقىقىي بولۇپ، ئەسەردىكى نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلار تەسۋىرى ئۇنىڭ ئاشۇ بىر بۆلەك جۇڭگو تارىخىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشى ۋە ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جانلىق جەلپ قىلىش كۈچى شۇكى، ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلار كۆپ ھاللاردا تارىخىي لوگىكا ئىچىگە قويۇلغان، شۇنداقلا يەنە تەسەۋۋۇر ۋە پەرەزدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، يېتەرلىك بىلىم ۋە تەربىيە جۇغلانمىسى بولمىسا، بۇنى ماھارەتكە تايىنىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ تور يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ زىشۈەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ۋاڭ زىشۈەن ئون نەچچە تەكشۈرۈپ دەلىللەش تېلېفونى ۋە تۈرلۈك «ساختىلىققا زەربە بېرىش» تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، چىن سۇلالىسى، خەن سۇلالىسى ۋە ئىككى جىن سۇلالىلىرى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ يېزىلغان «تارىخ فاكۇلتېتىدىكى بۆرە» «تېپىۋېلىنغان ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى» «ئاتام خەن گاۋزۇ» قاتارلىق ھالقىما رومانلارنى يېزىپ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ «تارىخ فاكۇلتېتىدىكى بۆرە»نىڭ دەل 95 - يىللاردا تۇغۇلغان ئىلتەمىر پەرھات ئىكەنلىكىگە ئاخىر ئىشەندى. كېيىن، ئۇلار ئىككىسى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ۋاڭ زىشۈەن ھازىرغىچە يەنىلا ئىلتەمىرنىڭ تور ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ قىزغىن «مەخسۇس تەۋسىيە قىلغۇچى»سى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ھەم چەت ئەللەرگە يۈزلىنىشىگە پائال تۈرتكە بولماقتا.

ئىلتەمىر مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن ئۆمۈرلۈك كەسپىم دەپ قارىغان تارىخ ۋە يېزىقچىلىق دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغاندا قىلغان بەزى قوپال «مەجبۇرلاش»لاردىن باشلانغان.

ئالتە ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلدىكى بىر كۈنى، دادىسى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، سىرتتا ئويناۋاتقان ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىپ: «ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە بارىسەن» دېدى.

«شۇ چاغدا قورققىنىمدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. چۈنكى مەن پۇتۇڭخۇادا بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەيتتىم، بىر خەتنىمۇ تونۇمايتتىم، ھەتتا بىللە ئوينايدىغان خەنزۇ كىچىك دوستلارنىڭ گېپىنىڭمۇ كۆپ قىسمىنى پەرەز قىلىپ چۈشىنەتتىم. مەن مەكتەپتە قانداق ئوقۇشنى پەقەتلا بىلمەيتتىم» ئىلتەمىرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، دادىسى شۇ جايدىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، قولۇم - قوشنىلارنىڭ نەزەرىدىكى «زىيالىي» ئىدى.

دادىسى ناھايىتى كەسكىن كىشى بولۇپ، ئىلتەمىر بىلەن ئانىسىنىڭ «سەل چوڭ بولغاندا ئاندىن مەكتەپكە بېرىش» توغرىسىدىكى ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلدى. ئىلتەمىر يىغلاپ غەلۋە قىلدى، تاماق يېمىدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كارغا كەلمىدى، ئۇ ئامالسىز سومكىسىنى يۈدۈپ مەكتەپكە باردى.

ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ. ساۋاقداشلار بىرنەچچە ھەپتىدىلا پىنيىننى ئۆگىنىۋالدى، ئەمما ئۇ ئۆگىنەلمىدى، ئېغىز تىلىدا ئىپادىلىشىمۇ ئانچە راۋان ئەمەس بولۇپ، تەلەپپۇز جەھەتتىكى مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمما دادىسىنىڭ ياردىمىدە ئىلتەمىر قەتئىي داۋاملاشتۇردى: پىنيىن ئۆگىنىشى ئاستا بولسىمۇ، ئاستا - ئاستا ئۆگەندى؛ ئېغىز تىلىدا راۋان ئىپادىلىيەلمىسە، بىر خەت بىر خەتتىن مەشىق قىلدى. ئۇ چاغدا دادىسى ھەر كۈنى ئۇنى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈشكە، ئاڭلاش، سۆزلەشنى مەشىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى.

بىر يىلدىن كېيىن، ئىلتەمىر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. ئۆگەنگەنسېرى پىششىق ئىگىلىۋالدى. 5 - يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ «قىش» ناملىق ماقالىسى بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، ئىلتەمىر داغدۇغىلىق ھالدا «ئوڭۇشسىز شارائىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»نى تاماملاپ، 100 پارچىغا يېقىن تۈرلۈك كىتابنى ئوقۇغان، نەتىجىسى ئەلا بولغان نەمۇنىلىك ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى.

لېكىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپلا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يەنە بىر قېتىم كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.

«شيې تەيبو قەھرىتان قىشتىكى قار ياغقان بىر كۈنى ئۆيىدىكىلەرنى يىغىپ، بالىلىرى بىلەن بىللە ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى مۇھاكىمە قىلدى...» تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇنجى ئوقۇغان تېكىستى قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىيات ئۇسلۇبىدا يېزىلغان «شىشو شىنيۈ . قارغا مەدھىيە» بولۇپ، ئىلتەمىر بىردىنلا ئەينى يىللاردىكى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان پەيتكە قايتىپ قالغاندەك بولدى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاشۇ ئەسەرلىرىنىڭ توردا ئالقىشلىنىپ كەڭ تارقىلىشى ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىدا ئىپادىلەشتىن بولغان. ھالبۇكى، شۇ چاغدا قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىلتەمىرنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغانىدى.

«ئۈچ بەگلىك ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتاب مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن رېتسېپى بولدى: كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ، تەزكىرە ژانىرىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشتىن باشلاڭ.

«تۇنجى قېتىم، مەن ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈچ بەگلىك ھەققىدە قىسسە>نى ئوقۇپ بولدۇم، ساۋ ساۋ، جۇ گېلياڭ قاتارلىق بۇ شەخسلەر مېنىڭ كاللامدا تىرىلدى، مەن ئىنتايىن مەپتۇن بولدۇم، قايتا - قايتا ئوقۇدۇم.» داڭلىق ئەسەرلەرنى پىششىق ئوقۇش ھەمدە ئوقۇش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىلتەمىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى بىلىملىرىنى ناھايىتى تېزلا پىششىق ئىگىلەپ، «ئۈچ بەگلىك ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق تەزكىرە رومانلىرىنى مۇستەقىل راۋان ئوقۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تەزكىرە ژانىرى شەكلىدە قىسقا ھېكايىلەرنى يېزىپ ساۋاقداشلىرىغا ھەمبەھرىلەپ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

ما چاۋ بىلەن «جەڭ» قىلىش

ما چاۋ نەيزىسىنى ئېلىپ، ئېتىنى چاپتۇرۇپ، سەپ ئالدىغا چىقتى - دە: «قۇترىغان يولۋاس، قېنى مەيدانغا تېز چىقمامسەن!» دەپ توۋلىدى... شۈ چۇنىڭ مىجەزى ئىشتىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇچقاندەك ئۆز سېپىگە قايتتى - دە، ساۋۇتىنى يېشىپ تاشلىدى، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەي - مۇسكۇللار پولتىيىپ چىققانىدى، ئۇ يالىڭاچ ھالەتتە قىلىچنى كۆتۈرۈپ، ئۆرۈلۈپلا ئاتقا مىنىپ، مەيدانغا كېلىپ ما چاۋ بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە كىرىشىپ كەتتى، ھەر ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى ھەيران قېلىشتى.

− «59 - ئۇچرىشىش، شۈ چۇنىڭ يالىڭاچ بولۇپ ما چاۋ بىلەن ئېلىشقانلىقى، ساۋ ساۋنىڭ خەن سۈيگە ئۆچۈرگەن خەت ئەۋەتىپ ئارىنى بۆلگەنلىكى»

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىلتەمىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان شۇ يىلى، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان «تىل - ئەدەبىيات ئۆگەنگۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ» دېگەن ماقالىنى ئۇ يازغان ئىكەن. دادىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىپ، بۇنى ئوغلىنىڭ كېيىنچە تارىخىي ژانىر يېزىقچىلىقىغا قەدەم قويۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارىغان. ئەمما ئىلتەمىر ئۆز تەقدىرىنىڭ چىشلىق چاقىنى ئايلاندۇرغان ئاشۇ ئالاھىدە پەيتنىڭ ما چاۋ بىلەن «جەڭ» قىلغان مەزگىل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، ئىلتەمىر ئەدەبىيات، تارىخ تۈرىدىكى خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغانىدى، ئەدەبىيات، تارىخ دەرسلىرىدە، ئۇ ئەينى يىللاردىكى تارتىنچاق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس ئىدى، دائىم كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن «قۇسۇر ئىزدەيدىغان» بولۇپ قالغانىدى.

تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ما چاۋ ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە تالانتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر يۈرۈش «ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى»نى سوۋغا قىلدى ھەم غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ مۇنداق دېدى: «سەن قىسسەنى ئوقۇپلا شۇنچە <كۆرەڭلەپ> كەتتىڭمۇ؟ <ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى>نى چۈشىنىپ باق».

ئىلتەمىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ مەن ھاياتىمدا ئوقۇغان تۇنجى رەسمىي تارىخىي ئەسەر بولۇپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن «جەڭگە ئاتلىنىپ»، سەككىز ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئەستايىدىل ئوقۇپ تۈگەتتىم. «شۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆپ ياۋاشلاپ كەتتىم، ئۆزۈمنىڭ تارىخنى ئەسلا بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم».

بىر ئىشىك شۇنىڭ بىلەن ئېچىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دادىسىدىن ئۆزىگە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تارىخىي خاتىرىلەر» «خەننامە» «ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى» قاتارلىق نۇرغۇن تارىخىي كىتابلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈندى، قېتىرقىنىپ ئوقۇدى. شۇنداقلا شۇ چاغدا ئۇ بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ خاتىرىلەردىن ئون نەچچىسى توپلىنىپ، ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

ئوقۇتقۇچىسى ما چاۋ بىلەن بولغان بۇ «جەڭ» ئىلتەمىرگە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇتتى. ئۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر داشۆسىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن مەزگىلدە، يەنە ئۆزىنىڭ كەسپى بولغان يېزىقچىلىقنى باشلىدى.

ئەينى چاغدا تور رومانلىرى ئەۋج ئالغانىدى. تارىخ تېمىسىدىكى زامان ھالقىش، پالۋانلار ھەققىدىكى كىتابلار تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن ياش ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ئىلتەمىر ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ئۇ ئەدەبىيات، تارىخ پەنلىرىدە سىستېمىلىق، كەسپىي تەربىيە ئالغان بولغاچقا، خاتالىقلار كۆپ، ھەتتا تارىخ قارىشى بۇرمىلانغان ئاشۇ سۈپىتى ناچار تور ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمىدى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىر تور يازغۇچىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، نوپۇزلۇق ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا قارشى چىقىشنى قارار قىلدىم، مەن «تور يازغۇچىسى بولۇپ، ئۆزۈمگە تەئەللۇق بىر كىتابنى يازماقچى بولدۇم».

«تېپىۋېلىنغان ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى» − ئىلتەمىرنىڭ بۇ تۇنجى تور رومانى ناھايىتى تېزلا توردا ئۇلاپ ئېلان قىلىندى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئوقۇلۇش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشتى، ئۇ چىديەن جۇڭۋېن تورىنىڭ تەۋسىيە كىتابلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ئۇدا يېڭىلاپ ئېلان قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. 3 - ئېيىدىن باشلاپ بۇ ئەسەر توردىكى تارىخ تېمىسىدىكى مۇشتەرى بولغان كىتابلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قىزغىن مەستانىلەر ئەسەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى سۈيلەشكە باشلىدى، بۇ رومان خىلمۇخىل سۇپىلاردا ماختالدى ھەمدە ئۇ كۆڭلىدىكىدەك قەلەم ھەققىگە ئېرىشتى...

ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىلتەمىرگە ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى يەنىلا ما چاۋ مۇئەللىم بىلەن بولغان ئاشۇ «جەڭ» ئىدى. «قوش نەپكە ئېرىشتىم!» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن

سىز − مەن سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايدىغان ئادەم، سىز − مەن سىزگە چاپلاشتۇرۇۋېلىشنى خالىمايدىغان يىلتىز،

سىز − مەن سىزدىن يىراقلاشقان چاغدىكى مەڭگۈلۈك قايتىش بېلىتى، سىز − مەن سىزگە يېقىنلاشقاندا ئېچىلغان بىر ئىشىك.

− «سىز مېنىڭ ئائىلەم» ناملىق ناخشىدىن

ئىلتەمىر ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىغا «ساۋ ساۋ» دەپ ئىسىم قويىمەن دەپ تۇرۇۋالغاندا، ياشانغان دادىسى ئايىغىنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغانىدى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئاشۇ دەقىقىدىمۇ، مەن يەنىلا ئۆز ئائىلەمدىكىلەرنى ھېچكىمگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، «ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشى مېنى بۈگۈنكى كۈنگە يەتكۈزدى».

ئىلتەمىرنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئىلگىرى «بالا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۈچ قېتىم كۆچكەن.» پەقەت ئۇلارنىڭ «كۆچكىنى» ئۆي ئەمەس، بەلكى پوزىتسىيە ئىدى.

1 - قېتىملىقى غەزەپلىنىش. سەۋەبى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرغاندا ئىلتەمىر ئارزۇ تولدۇرۇپ بولۇپ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر ھەپتە ئىچىدە، دادىسىنىڭ نەزەرىدىكى كەلگۈسىدە «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاسان بولۇش» ئۈچۈن تولدۇرغان ئارزۇنى ئوغرىلىقچە «تارىخ»قا ئالماشتۇرۇۋەتكەنىدى؛

2 - قېتىملىقى پەخىرلىنىش. «تېپىۋېلىنغان ئۈچ بەگلىك تەزكىرىسى» تورغا چىقىرىلىشى بىلەنلا بازىرى چىقىپ كەتتى، ئىلتەمىر تۇنجى قېتىم تاپشۇرۇۋالغان 3000 يۈەن قەلەم ھەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆيىگە ئەۋەتىپ بەردى. دادىسى ئوغلىنىڭ قەلەم ھەققى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، خۇشال ھالدا ئىدارىدە بىرنەچچە كۈن «پو ئېتىۋالدى»؛

3 - قېتىملىقى قوللاش. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلتەمىر مەخسۇس ئۆيدە يېزىقچىلىق قىلىشنى تاللىدى، بۇ جەرياندا كىرىم جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن چاغلىرىمۇ بولدى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر ئۇنى «چوڭلارغا يۆلىنىۋالدى» دەپ قاراپ، بالىلىرىغا تەربىيە بېرىشتە «سەلبىي دەرسلىك» قىلىۋالدى، ئەمما ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ تاللىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، «مەن بىر ئۆمۈر يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ ئۇنىڭدەك قارشى ئېلىنمىدىم، ئۇ بىزنىڭ پەخرىمىز».

خوتۇنى خەيرىگۈل قاسىم ئىلتەمىرنىڭ مەكتەپدىشى. ئۇ سادىق مەستانە، بىرىنچى ئوقۇرمەن ۋە ئىجادىيەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئېرىنىڭ ئىجادىيەت كەسپىنى غايەت زور ھېسسىيات ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن قوللاپ كەلدى. بىر مەزگىل، ئىلتەمىر چۈشەنمەك بىرقەدەر تەس بولغان قەدىمكى خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىدا تارىخىي پىرسوناژلارنى يارىتىشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئەسىرىگە مۇشتەرى بولىدىغانلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. ئوقۇرمەنلەر بۇنى ئوقۇپ چۈشىنىشكە بەك كۈچ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ پېرسوناژ يارىتىش چۈشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور يېزىقچىلىقىدا مودا بولۇۋاتقان ئېغىز تىلى ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىشنى خالىمىدى. تىركىشىش جەريانىدا، خوتۇنى ئۇنىڭغا ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تەزكىرە يېزىش ئۇسلۇبىنى سىناق تەرىقىسىدە قوللىنىپ تارىخ تۇيغۇسى بىلەن ئوقۇشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇشنى سەمىگە سالدى. بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولدى، ئىلتەمىر ئىجادىيەت ئىشەنچىنى تېپىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەسەرلىرى قايتىدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئەلۋەتتە، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ھەممە ئىشتا ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمىدى. ئوغلىغا ئىسىم قويۇش بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۆيدىكىلەر ئەڭ ئاخىرىدا بالىغا تارىختىكى قەھرىمانلارغا ئوخشاش بولسۇن دېگەن مەنىدە ئېلسىران ئىلتەمىر دەپ ئىسىم قويدى. لېكىن ئىلتەمىر بۈگۈنگە قەدەر ئوغلىنى «كىچىك ساۋ ساۋ» دەپ ئاتاشتا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

تارىخ ئاسمىنى ئاستىدا

چاڭجياڭ دەرياسى مەقسەتلىك ھالدا كۆز يېشىغا ئايلىنىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ناخشا ئېيتىدۇ،

تارىخ ئاسمىنىدا بىرنەچچە يۇلتۇز چاقناپ تۇرىدۇ،

كىشىلەر ئارىسىدا قەھرىمانلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

− 1994 - يىل نۇسخىسىدىكى «ئۈچ بەگلىك ھەققىدە قىسسە» فىلىمىنىڭ ئاخىرلىشىش كۈيى «تارىخ ئاسمىنى»دىن

نەچچە يىل يېزىقچىلىق قىلدى، «ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەسەر»لىرى بويى بىلەن تەڭلەشتى. ئىلتەمىرنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدىن كىشىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ؛ بەزىلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قورقۇنچ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ؛ ئاغزى ئىتتىك، كۆڭلى يۇمشاق چوڭلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ يىراق سەپەرگە ئاتلانغان ئىلگىرىكى كەپسىز بالىلارغا قارىغان چاغدىكى، كۆڭلىدىكى قىيالماسلىقنى، چەكسىز سېغىنىشنى كۆرەلەيدۇ...

ئىلتەمىرنىڭ ھېس قىلغان - قىلمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر شۇنى ئاسانلا بايقىيالايدۇكى، ئۇ توقۇلما تارىخىي رومانلىرىدا قەھرىمانلارنى، ئۇلۇغ ئىشلارنى، ۋەقەلىكلەرنى يېزىش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتى، ئائىلىسى ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەۋرنى − كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر بۆلەك كىشىلىك ھاياتنى، ئىللىق، مۇھەببەتلىك بىر ئائىلىنى، قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتقان دەۋرنى ئەينەن، جانلىق تەسۋىرلىگەن.

ئۇنىڭ يېقىن دوستى، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ژانىرىدىكى تور يازغۇچىسى «فېڭيى تيەنيا» ۋاڭ كۈييۈەن مۇنداق دېدى: ئىلتەمىرنىڭ تارىخقا بولغان ھۆرمىتى ۋە قەتئىيلىكى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ، ئۇ ھەمىشە تارىخىي لوگىكا ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، كىتابتىكى پېرسوناژلارنى جانلىق، ئەينەن، خۇددى راستتەكلا يازىدۇ، «<ھەقىقىي> بولغاچقا <گۈزەل>. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە جەلپكارلىقتۇر. جانلىق ئەسەرلەر ھامان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، مەن ئۇنىڭ كىتابلىرىنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تور يازغۇچىلىرى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى «يۈسۇڭشۇ» يىن مىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت ئاساسى ۋە كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى ئۆزگىچە ئورنىنىڭ پايدىسىدا، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ پايدىسىدا، ئىلتەمىرگە ئوخشاش زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياشلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق بار بولدى، ئۇلار ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ ھەم كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى مېنى ئىزچىل ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلدى، شۇنداقلا تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، ئىجادىيىتىمنىڭ كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.» ئارزۇ ھەققىدە توختالغاندا، ئىلتەمىر مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى ھەربىر سۇلالە ئۈچۈن بىر كىتاب يېزىشنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئاساس قىلىپ، يۇرتۇمغا مۇناسىۋەتلىك بىر رومان يازغۇم بار.

«خەن سۇلالىسى يەنشىنىڭ 9 - يىلى، بىڭۋۇ يىلى، 3 - ئاي، باھاردا ھەممە جاي ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. بىر ئەگرى - بۈگرى كەتكەن چوڭ يولدا، بىر توپ ئاتلىق كىشى ئاستا كېتىۋاتاتتى...»

بۇ ئىلتەمىرنىڭ تۇنجى كىتابىدىكى تۇنجى جۈملە. ئۇ خۇددى ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ چوڭ يولدا، ئوخشاش بىر تارىخ ئاسمىنى ئاستىدا، ئۆزىنىڭمۇ خۇشال ھالدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.