شىنجاڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى - كۆكتوقاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قاتناش باشلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، شىنجاڭغا تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى جياڭسۇ ياجيې ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى.

«نۆۋەتتە، شىركىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پىلاتۇسى PC-12NG تىپلىق تۆت ئايروپىلانى ئەمەلىيلەشتى، كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە ئىككىدىن ئۈچكىچە 24-PC تىپلىق رېئاكتىپ ئايروپىلاننى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق.» ياجيې ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى ياڭ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز «مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇش، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىش، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت «بىر سائەتلىك ئاۋىياتسىيە ئىقتىساد چەمبىرىكى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدا «قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت + توكلۇق تىك يۆنىلىشلىك ئۇچۇش - قونۇش» بىرلەشتۈرۈلگەن يۈرۈش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر تەۋەسىدە جەنۇبىي شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 5 - ئايدا قەشقەر − تۇمشۇق − يەكەن ئۇلاپ ئۇچۇش ئايلانما لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 6 - ئايدا قەشقەر − قاغىلىق − تۇمشۇق\يەكەن «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشقان» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشقان» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەنزىرە نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، تەخمىنەن 5 - ئايدا قاراماي − قاناس − ئالتاي\كۆكتوقاي ساياھەت ئايلىنىپ ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل ئىچىدە قەشقەر − چەرچەن\چاقىلىق − گولمۇد\خۇاتۇگوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پىلانلاپ ئېچىپ، ئېگىزلىك رايونىدا قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئېگىزلىك ۋە يۇقىرى ئېگىزلىك رايونلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسى 2024 - يىلى كۈزلۈك ۋە قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە 24 - PC تىپلىق ئايروپىلان ئارقىلىق قەشقەر − تاشقورغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. 2025 - يىلى ئۈرۈمچى\قەشقەر\غۇلجا − لاسا، ئۈرۈمچى\قەشقەر\غۇلجا − چاڭدۇ، قەشقەر\تۇرپان − شىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان ئېگىزلىك بىۋاسىتە ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قارىتا، 2024 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر − بىشكەك، غۇلجا − ئالمۇتا قاتارلىق چېگرا ھالقىغان ھۆددە ئايروپىلان لىنىيەسىنى پىلانلاپ ئاچىدۇ؛ 2025 - يىلى تەدرىجىي تۈردە قەشقەر\غۇلجا − بىشكەك\ئالمۇتا\دۈشەنبە\تاشكەنت چېگرا ھالقىغان قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئاچىدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى قاپلىغان سودا، ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى، داۋالاش بويىچە يۆتكەش قاتارلىق قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ماس قەدەمدە بەرپا قىلىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز، ئايروپىلان ئەترىتى كۆلىمى ھەم ئايرودۇرۇم سانى نىسبەتەن كۆپرەك بولغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)گە ئايلاندى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيەنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى روشەن، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بىرقەدەر زور بولۇۋاتىدۇ.

شىنجاڭ رايونىدا قۇرۇلۇپ پۈتكەن ھەم گۇۋاھنامە ئالغان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى، ئىشلىتىلىۋاتقان B تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمدىن 11ى، ئىشلىتىلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىدىن تۆتى بار. قۇرۇلۇۋاتقان A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدىن قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمى، ئارشاڭ ھەممىباب ئايرودۇرۇمى بار، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئۈچى پىلانلاپ لايىھەلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتاي، قاراماي، چەرچەندىن ئىبارەت.

يىرىك پىلانغا ئاساسەن، 2030 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا قۇرۇلۇپ پۈتكەن A2 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەممىباب ئايرودۇرۇم جەمئىي 89غا يېتىپ، زىچلىقى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا 5.4تىن توغرا كېلىدىكەن؛ 2035 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا قۇرۇلۇپ پۈتكەن A2 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەممىباب ئايرودۇرۇم جەمئىي 98گە يېتىپ، زىچلىقى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا 5.9تىن توغرا كېلىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %99 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي بۆلەك تۈز سىزىق ئارىلىقى 50 كىلومېتىر دائىرىدە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ئومۇمىي نوپۇس پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %99ىگە يېتىدىكەن.

شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇتەخەسسىسلەر ئاقىللار ئامبىرى تەشكىللەپ، كەسىپ ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى\كەسىپ تەتقىقات مەركىزى، تۈگۈن قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى، ئاۋىياتسىيە قاتنىشى كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ ۋە سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.