رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2024 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، 2023 ـ يىللىق «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش خىزمىتى نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى، 2024 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇدا ئىككى يىل ئۇنى ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى قاتارىغا كىرگۈزدى، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كارخانىلار سىجىل تىرىشىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتى يەنىلا بېسىم ئۈستىلەنگەن، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈزەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىشنى تۇتقا قىلىپ، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى بويىچە «A دەرىجە يارىتىش، B دەرىجىگە ئۆستۈرۈش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەسقاتىدىغان، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈر ئىجازىتى، سىياسەت تۈزۈش، كارخانىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق تۈزەپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلاش ـ جازالاش مېخانىزمىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ياخشى بولغان ئىش قىلىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك.

ۋاڭ گاڭ، ليۇ شىنجيەن يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار ئورۇنلار، كارخانىلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.