غەربىي شىمالدىكى تۇنجى يۈرۈش كۆلەملەشكەن پولىئېستېر قىسقا تالا تۈرى شىنجاڭدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىلىغا 250 مىڭ توننا پولىئېستېر قىسقا تالا ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دىلۇن قىسقا تالا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ پۈتۈپ، غەربىي شىمال رايونىدا دىلۇن قىسقا تالا ئىشلەپچىقىرىشتىكى بازار بوشلۇقىنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

36 سائەتلىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكى ئارقىلىق، شۇ كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى جۇڭتەي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۆگەش ۋە كېسىش ئىش تەرتىپى تاماملاندى، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دىلۇن قىسقا تالا مەھسۇلاتلىرى تايلاش ماشىنىسىغا كىردى، غەربىي شىمالدىكى تۇنجى يۈرۈش كۆلەملەشكەن پولىئېستېر قىسقا تالا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ پۈتۈن ئىش تەرتىپى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

250 مىڭ توننىلىق پولىئېستېر قىسقا تالا تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 200 مىڭ توننا دىلۇن قىسقا تالاسى، 50 مىڭ توننا پولىئېستېر ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ. «ئومۇمىي ئۈسكۈنە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۆگەش ۋە كېسىش ئۈسكۈنىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى» دېدى شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى يۇڭچۈەن.

پولىئېستېر قىسقا تالا تۈرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى دىلۇن قىسقا تالاسى بولۇپ، ئەڭ مۇھىم خىمىيەلىك تالا مەھسۇلاتى ۋە ئاساسلىق توقۇمىچىلىق ئاساسىي خام ئەشياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى شىنجاڭدا پولىئېستېر تالاسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ زەنجىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇزىرىشى ۋە كېڭىيىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ قالغانىدى. بۇ قېتىم پولىئېستېر قىسقا تالا تۈرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى، يۇقىرىدا نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتىدىكى ساپ تېرېفتالىك كىسلاتا (PTA)غا تۇتىشىپ، تۆۋەندە پاختا توقۇمىچىلىق ياكى ئارىلاشما توقۇمىچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا باغلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

«بۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى يىپ ئېگىرىش كارخانىلىرىغا مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلدۇردى.» شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ يۈ مۇنداق دېدى: يىپ ئېگىرىش كارخانىلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈچ چوڭ خام ماتېرىيال بولسا پاختا، ۋىسكوزا تالاسى ۋە دىلۇن قىسقا تالاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ دىلۇن قىسقا تالاسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ. دىلۇن قىسقا تالاسى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇردى، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازار رىقابىتىگە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشالايدۇ.

«بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بايلىقتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەككىچە بولغان <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر> راۋانلاشتۇرۇلدى.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قەيسەر مۇنداق دېدى: بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنىڭ باغلانما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ پۈتۈن تۈردىكى تالا ھەم كىيىم ـ كېچەك رەختى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى.