ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىش

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى.

كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇقنى كېڭەيتىشتە قايسى تەرەپلەردىن كۈچەش كېرەك؟ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ قانداق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بار؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا زىيارەت ئېلىپ باردى.

يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى يارىتىش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا ۋە ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش رەھبەرلىك سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلىدى، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، خىزمەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 101ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى. ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلاشتى، بىللە ئۆگەندى، بىللە ئىش قىلدى، بىللە كۆڭۈل ئاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.» سۇ شياڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى ۋە باھالاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسۇلى جەھەتتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەرپا قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى مەھەللە، يېزا ـ كەنت، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش تېمىسى گەۋدىلىك، شەكلى كۆپ خىل بولغان بەرپا قىلىش مىكرو ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان، مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلغان ھەمتۈرتكە بولۇش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، خىزمەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، بەرپا قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش، تەدبىرنى ئاساسىي لىنىيەگە قارىتىپ كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى يارىتىش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىردىشىش، مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بۇ يىل شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇن، شەكىلنى بېيىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ.

«ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى يىرىك پىلانى (2024 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)»نى تۈزۈش؛ پۈتۈن رايون بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتۇن تاغ ئانار ماكانى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ماركىسىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇش...

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالتاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بەرپا قىلىش ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېما تەربىيەسى سارىيى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ شارائىت يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ساياھەتنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش

ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.

تاغ ـ دەريالاردا ئۇچراشساق، مېھىر ـ مۇھەببىتىمىز، دوستلۇقىمىز تەبىئىيلا قويۇقلىشىدۇ. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون 13 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشتى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

«ھەر مىللەت ئامما ساياھەتنى كۆۋرۈك قىلىپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش ۋە بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، مېھىر ـ مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئانار گۈلى ئېچىلىپ مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلغان جانلىق مەنزىرىگە گۇۋاھ بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دۇەن يۈمىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ساياھەت رايونى، يارغول قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىسالنى ئېلان قىلدى.

دۇەن يۈمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى باش تېمىسىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرىمىز، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرىمىز.

ھەر كۈنى كەچتە، خوتەن كەچلىك بازىرى قىزىپ كېتىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ جايدا ئېسىل تائاملاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىدۇ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. خوتەن كەچلىك بازىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى «خەلق ئىچى چوڭ سەھنىسى» ۋە «شەھەرنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى» بولۇپ قالدى.

«خوتەن ۋىلايىتىدە خوتەن كەچلىك بازىرى قاتارلىق ئۈچ مىسال بار بولۇپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىسال قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.» خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ نېڭۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوئېنلۇن مەدەنىيىتى، جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيىتى، ئۇدۇن بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونىدا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ـ ساياھەت ماركىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھى شەھەرلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، 2024 ـ يىللىق «يىپەك يولىدا جەم بولۇپ مۇسابىقىلىشىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. «ساياھەتچىلەرنى خوتەنگە كېلىشكە جەلپ قىلىش» سىياسىتى بويىچە مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى خوتەنگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ساياھەتنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رايون ھالقىپ ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، سودا چەمبىرىكىدە، ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئالدىراش يۇرگەنلىكىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بىللە خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بۇ تۇپراققا سىڭىشىپ كەتكەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سۈن ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023 ـ يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 951نى ئىجرا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىن كىرگۈزۈلگەن تۈر 627. ئاقسۇ ۋىلايىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ئاقسۇغا ماكانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«كېيىنكى قەدەمدە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، شۆبە ئەترەت سودىگەر چاقىرىش، يىغىن ـ كۆرگەزمە ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە سودىگەر چاقىرىش قاتارلىقلارنى يۇقىرى قاتلامدىن، كۆپ قېتىم، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىمىز.» سۈن ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ جەرياندا، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى خاسلىقنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاقسۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىنى ئاقسۇغا كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىمىز.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كونا شەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قوشماق بولۇپ، ھەر يىلى گۇاڭجوۋغا باردى، ئىككى جايدىكى بالىلار بىللە ئۆگەندى، بىللە ئوينىدى. «قىشلىق لاگېر، يازلىق لاگېر ھەم تۈرلۈك قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە، خەت ـ چەكلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، بالىلار ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا مېھىر ـ مۇھەببىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى» دېدى مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى داڭ سۇڭپو.

بۇ بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. 2023 ـ يىلى 2653 مەكتەپ، 3 مىليون 998 مىڭ ياش ـ ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىنى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ياش ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن قوشماق بولۇشقا، دوستلىشىشقا تەشكىللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېكسكۇرسىيە ـ ئۆگىنىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز.