خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

خۇاڭ شۇەيتاڭ:

خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت گې يەننىڭ

«شىنجاڭنىڭ 1 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بۇنداق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە بۇ خىزمەتكە قاتنىشالىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلەندۇق» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، 1 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئاپىتى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئىنژېنېرى خۇاڭ شۇەيتاڭ.

شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ئوتتۇراھال، كۈچلۈك يەر تەۋرەش كۆپ يۈزبېرىدۇ، يەر تەۋرەش ساھەسىدە ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور. شىنجاڭنىڭ 1 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، خۇاڭ شۇەيتاڭ كۇچا شەھىرىنىڭ 250000 :1بويىچە يەر تەۋرەش قۇرۇلما خەرىتىسى ۋە 50000 :1بويىچە ھەرىكەتچان ئۈزۈلمە قاتلىمىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى.

كۇچا شەھىرى تىيانشان تېغى رايون ھەرىكەت قۇرۇلمىسىنىڭ يېتىلىشى بىرقەدەر تىپىك بولغان رايون، تەۋەلىكىدە ئاز دېگەندە ئون ئۈزۈلمە قاتلام ۋە پۈرمە قاتلام مەۋجۇت بولۇپ، تارىختا كۆپ قېتىم يەر تەۋرىگەن، قاتناش ۋە يەر شەكلى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئۈزۈلمە قاتلامنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئانچە كۆپ بولمىغان، ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ ئورنىنى چۈشىنىش ھەل قىلىش تەس بولغان بىر قاتتىق قىيىنچىلىق بولۇپ قالغانىدى.

بۇ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، خۇاڭ شۇەيتاڭ تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە دائىم ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چۆلتاغنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇراتتى. بىر مۇز جوتۇسى، بىر كومپاس، بىر RTK، بىر ئەۋرىشكە ئېلىش ساندۇقى ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ دالىدا ئۈزۈلمە قاتلامنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بارلىق قورال ـ جابدۇقلىرى بولدى. بىر ئەۋرىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىك قىيالارغا يامىشىش ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىكى دائىملىق ئىش ئىدى.

«بىر كۈنى خىزمەتداشلىرىم بىلەن دالىدا ئىشلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئايىغىمنىڭ ئاستىدىن بىر ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، سىنچىلاپ قارىسام، بىر ئۆتكۈر زەھەرلىك چار يىلان ئىكەن، ئۇ پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا تۇرغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىزگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.» خۇاڭ شۇەيتاڭ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا مەن شەرتلىك رېفلېكسنىڭ تەسىرىدە ئۆز جايىمدىلا سەكرەپ كەتتىم، شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق خەتەردىن ئامان قالدىم. ئەمەلىيەتتە، دالىدا ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. يەنە بىر قېتىم، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن باي ناھىيەسىدە ئۆلچەش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بىر ياۋا چوشقىنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالدۇق، «بىز مىدىرلىمىدۇق، ئۇمۇ مىدىرلىمىدى، بىز ماڭساق، ئۇمۇ ماڭدى.» خۇاڭ شۇەيتاڭ مۇنداق دېدى: ياۋا چوشقا كۆز ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك، بىزگە بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ كېتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.

مۇھىم بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خۇاڭ شۇەيتاڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن تىيانشان تېغىغا چىقتى، كوئېنلۇن تېغى ئارىسىغا كىردى، مۇز دەريانى كەچتى، قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتتى، پامىر − چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئادەمسىز رايونغا چوڭقۇر چۆكتى، ئۇلارنىڭ قەدىمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنىڭ ھەممە يېرىگە يەتتى، ھەربىر مۇھىم ھەرىكەتچان ئۈزۈلمە بەلباغقا قارىتا تەپسىلىي گېئولوگىيەلىك چارلاش، قۇرۇلمىسى، يەر شەكلىنى ئۆلچەش ـ سىزىش ۋە يەر قاتلىمىنىڭ دەۋر ئەۋرىشكىسىنى ئېلىشنى قانات يايدۇردى.

ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، خۇاڭ شۇەيتاڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەر كۈنى دالىدا يۈرگەن ۋاقتى 12 سائەتتىن ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 كىلومېتىرغا يېقىن يولنى پىيادە يۈردى. ئۇ ھەر يىلى دالىدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىپ، جەمئىي 4000 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى پىيادە باستى، قەدىمى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى ئۆلچەپ چىقتى، ئۇ 1 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يەر تەۋرەش خىزمەتچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

«بىز كۆپرەك يول يۈرۈپ، ھەرىكەت قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكىرەك تەكشۈرسەك، يەر تەۋرەش ئاپىتى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ تېگى ـ تەكتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرالايمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپ ـ خەتىرى تېخىمۇ ئازىيىدۇ.» دالىدا خىزمەت قىلغان سانسىزلىغان كېچە ـ كۈندۈزنى ئەسلەپ، خۇاڭ شۇەيتاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قىلىۋاتقان بۇ خىزمىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى ئويلىساقلا، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز كۈچكە تولىدۇ».

ئۈچ يىللىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىر ئاياغلىشاي دەپ قالدى، ئۇدا داۋاملاشقان دالىدا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇاڭ شۇەيتاڭ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ۋە كىرگۈزۈش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلدى. ئۇلار تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات، چېرتيوژلارنى تەھلىل قىلىپ، رەتلەپ، ئالاقىدار تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ ـ خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش (كۇچا شەھىرى)نىڭ 250000 :1بويىچە يەر تەۋرەش قۇرۇلما خەرىتىسىنى تۈزۈش، نەتىجە دوكلاتى تەييارلاش، چۈشەندۈرۈشنامە تۈزۈش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

قەلبتە ئېتىقاد بولسا، زىممىدە مەسئۇلىيەت بولىدۇ. خۇاڭ شۇەيتاڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خىزمىتىمىز قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان بۇرچ، مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىز يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكىدىكى «كېچە قاراۋۇل»لىرىنىڭ شان ـ شەرىپىمىز.