21 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىمى ھەقىقىي شىنجاڭنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

21 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىمى ھەقىقىي شىنجاڭنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 نەپەر تاراتقۇ زاتى قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

ئۇلار مەنزىرە رايونى، زاۋۇت ئۆيلىرى، يەسلى، كۆرگەزمە سارىيى، بازار، دىنىي سورۇن ھەم كەنت، ئولتۇراق رايون، چوڭ ـ كىچىك كوچىلار، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى، نەتىجىدە «ھەممە نەرسىنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دېگىنى بىلەن تۈپتىن ئوخشاش ئەمەسلىكى»نى بايقىدى.

«پەقەت پۇرسەت بولسىلا، مەن شىنجاڭغا كېلىشكە تەقەززامەن.» كۇۋەيت «مەتبۇئات گېزىتى» خەلقئارا خەۋەرلەر بېتىنىڭ مۇخبىرى شاربىل يازغان تەسىراتىنى مۇخبىرلار بىلەن ھەمبەھرىلىدى، ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەن شىنجاڭغا 2 ـ قېتىم كەلگەن بولساممۇ، يەنىلا ھاياجانلاندىم، ھەقىقىي شىنجاڭدا بەختلىك تۇرمۇشقا كېرەكلىك ھەممە نەرسە بار ئىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كىرگەندە، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋار كۆرگەزمە سودا مەركىزى، قەشقەر خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىۋېتسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى ھۈسەيىن ئەسقەرى يول بويى سۈرەتكە تارتىش دەستىسىنى كۆتۈرۈپ، يان تېلېفون كامېراسى ئارقىلىق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان زاۋۇت ئۆيلىرى، نازۇك ماشىنا ھەم تۈرلۈك ئىمپورت تاۋارلىرىنى توختىماي سۈرەتكە تارتتى. «گەرچە مەن جۇڭگو سىياسىتى ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول>نى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بولساممۇ، يەنىلا شىنجاڭنىڭ بۇنداق ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، ھەرقايسى جايلارنىڭ سېلىنمىسى ئۈزۈلمەي شىنجاڭغا كىرىۋېتىپتۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سىياسەت يۆنىلىشىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.» ھۈسەيىن ئەسقەرى مۇنداق دېدى: كىشىلەر شۇنى كۆرۈشى كېرەككى، شىنجاڭ تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىم چوڭ تىپتىكى سانائەت رايونى بولۇپ قالىدۇ.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىدە، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئالاقىدار خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا دىنلار ئىناقلىقىغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. «جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى يەنە مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىتلەرنىڭ يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال، ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ بېرىپتۇ، بۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شىنجاڭدا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى شىۋېيتسارىيە بېرنىي سەنئەت داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، تارىخشۇناس بىيات سىنېيدېر.

مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى كورلا شەھىرىدىكى ئولتۇراق رايون، يەسلى، كەنت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قويۇق قاينام ـ تاشقىنلىق كەيپىيات ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى. «مەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» كورلا شەھەرلىك 2 ـ يەسلى تاجىكىستان ئاۋىستا ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەقسەدوف ئەزىزوندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەربىر سىنىپ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىكەن، دەرسلىكلەر قىزىقارلىق تەسىس قىلىنىپتۇ، ئاڭلىغان خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرىدىن بالىلارنىڭ ئوچۇق ـ يورۇقلۇقى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىدا، خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتلەر، مەززىلىك تائاملار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا چوڭقۇر جەلپ قىلدى، ئۇلار مېھرىنى ئۈزەلمەي كەتكۈسى كەلمىدى. ئاۋسترالىيە «تاسمانىيە ئىشتاتى خۇارېنلار گېزىتى»نىڭ گېزىتخانا باشلىقى تاڭ يۇڭبېي قۇملۇققا قوشنا بولغان لوپنۇر ناھىيەسىدە پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مەركىزىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى.

مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى شىۋېتسىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مالدىۋې، پاكىستان، بەھرەين، شىۋېيتسارىيە، سىرى لانكا، تايلاند، فىلىپپىن، ئافغانىستان، كۇۋەيت، ماراكەش، ئومان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، گىرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت مەزگىلىدە، ئۇلار يەنە بەش مەيدان سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: سۆھبەت مەزمۇنى جانلىق ھەم ئەھمىيەتلىك بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نۇرغۇن سوئالىغا جاۋاب بېرىلدى، تاراتقۇ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شىنجاڭدىكى كەچۈرمىشلىرىمىزنى، كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىزنى ياخشى خەۋەر قىلىمىز.

«يول بويى، مەن كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمنى نۇرغۇن سۇپىدا ئېلان قىلدىم، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئالقىشلىدى، بارلىق باھالار ئىجابىي بولدى، نۇرغۇن تورداش سۆز قالدۇرۇپ، مېنىڭ ئۇلارغا ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىمگە رەھمەت ئېيتتى» دېدى ھۈسەيىن ئەسقەرى.