ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قوشنىسىنىڭ بالىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىش تىللاردا داستان بولدى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

− 8 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى خانشېرىن تۇردى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«ئانا، كەلدىڭىزمۇ!» 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، خانشېرىن تۇردىنىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، كوچا ئېغىزىدا ساقلاپ تۇرغان جوۋ جىنچۈەن ئاپتوماتىك چاقلىق ئورۇندۇقنى ھەيدىگىنىچە تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.

«ھەي ئوغلۇم، نېمىشقا ئاياغ كىيمىدىڭ؟» خانشېرىن جوۋ جىنچۈەننىڭ بېشىنى سىلىغىنىچە، ئېڭىشىپ، ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، يەنە پۇتىدىن چۈشۈپ قالغان لاتا ئاياغنى كىيدۈرۈپ قويدى.

خانشېرىن بىلەن جوۋ جىنچۈەن يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرى يېڭى ئەسىر مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، 40 ياشلىق جوۋ جىنچۈەن بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئۇ ئاتا ـ ئانىسى ۋە 58 ياشلىق خانشېرىندىن باشقا نۇرغۇن كىشىنى ئەسكە ئالالمايدۇ.

«نېمىشقا خانشېرىننى ئانا دەپ چاقىرىسەن؟»

«چۈنكى ئۇ ماڭا ياخشى قارايدۇ!» جوۋ جىنچۈەننىڭ چىرايىدا بالىلارچە كۈلكە جىلۋىلەندى.

قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بۇ «ئانا ـ بالا»نىڭ ھېكايىسىنى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىر يىلى قىشتا، جوۋ جىنچۈەننىڭ ئاتا ـ ئانىسى جوۋ لىيوۋ ۋە لى فاڭيىڭ بىر جۈپ ئوغۇل ـ قىزىنى باشلاپ خانشېرىننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

«بىز باشقا جايدىن بۇ يەرگە ئىشلىگىلى كەلدۇق، نۇرغۇن يۇرتداشلار بىزدىن ياتسىراپ ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىشكە ئۇنىمىدى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئائىلىسىلا ئۇنىدى» دېدى سىچۇەن تەلەپپۇزىدا جوۋ لىيوۋ ئەسلەپ تۇرۇپ.

ئۆيىنى ئىجارىگە بېرىپ باقمىغان خانشېرىنمۇ ئەسلىدە ئانچە خالاپ كەتمىگەنىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بارلىقىنى، بىرىنىڭ كىچىك، بىرىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى يۇمشاپ قالدى. ئەينى چاغدا، خانشېرىننىڭ ئېرى تېخى ھايات بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ياندىكى بىر ھويلىنى جوۋ لىيوۋ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىجارىگە بەردى.

خانشېرىن ئىككى ئائىلىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردەك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«لاۋجوۋ ياردەملىشىپ ئائىلىمىزنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى رېمونت قىلىپ بەردى، بىزمۇ ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ ئۆگزىسىنى ياسىشىپ بەردۇق، بىز ئۇلارغا بىر قاچا تاماق سۇنساق، ئۇلار بىزگە ئازراق كۆكتات سۇنۇپ تۇرىدۇ، بارا ـ بارا، بىز يېقىن بولۇپ كەتتۇق» دېدى خانشېرىن.

ئاشۇ يىلى قىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقماقچى بولۇپ، خانشېرىننى ئىزدەپ كېلىپ، جوۋ جىنچۈەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويامسىز دەپ ياردەم سورىدى. «تۇرمۇش ئۈچۈن بىز سىرتقا چىقمىساق بولمايتتى، ئوغلىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشنى قوشنىمىزغا ھاۋالە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق، لېكىن مەن خانشېرىننىڭ ئوغلۇم ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن» دېدى لى فاڭيىڭ.

خانشېرىنمۇ ھەر كۈنى جوۋ جىنچۈەنگە بىر ـ ئىككى ۋاق تاماق سۇنۇپ قويساملا بولار دەپ ئويلىغانىدى، لېكىن كارىۋاتتا ياتقان جوۋ جىنچۈەننى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدى، قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

«دەسلەپتە ئۇنى ھاجەتخانىغا يۆلەپ ئاچىقتىم، كېيىن ئۇنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ قويىدىغان، يوتقان كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپسىندۇرىدىغان بولدۇم، بىلىپ ـ بىلمەيلا ئۇ ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالدى» دېدى خانشېرىن.

بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، لى فاڭيىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە بالىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزى ئۆيدە بولغان چاغدىكىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا خانشېرىنگە پۇل بەرمەكچى بولدى. لېكىن خانشېرىن قەتئىي ئالغىلى ئۇنىمىدى، ئۇ لى فاڭيىڭغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پۇلنى شۇنچە جاپادا تاپىسىلەر، ماڭا ئىشەنگەن ئىكەنسىلەر، بالىنى ماڭا تاپشۇرۇپ، سىلەر خاتىرجەم ئىشلەڭلار!»

شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، خانشېرىن جوۋ جىنچۈەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئۈچىنچى يىلى، بىر كۈنى ئۇ جوۋ جىنچۈەنگە تاماق يېگۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى سۈرتكەندە، جوۋ جىنچۈەن تۇيۇقسىز ئۇنى «ئانا» دەپ چاقىردى.

«شۇ چاغدا كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تاراملاپ ئاقتى.» خانشېرىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىچارە بالىغا بەك ئىچىم ئاغرىدى، ئاخىر ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ، مېنى ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپتۇ».

شۇنىڭدىن باشلاپ جوۋ جىنچۈەن ھازىرغىچە «ئانا» دەپ كەلدى. گەرچە بەش يىل ئىلگىرى، خانشېرىننىڭ ئائىلىسى ئۆي چېقىش ـ كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئارىلاپ ـ ئارىلاپ «ئوغلى»نى يوقلاپ تۇردى. خانشېرىننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي بىرنەچچە كۈن كەلمىسە، جوۋ جىنچۈەن ئۆزى خانشېرىن ئائىلىسى تۇرۇۋاتقان بىنا ئالدىغا كېلىپ «ئانا، مەن كەلدىم!» دەپ توۋلايدۇ.

بۇ «ئانا ـ بالا»نىڭ ھېكايىسىنى بازاردىكى نۇرغۇن كىشى بىلىدۇ. 49 ياشلىق ئارزۇگۈل نۇرمۇ ئۇلارنىڭ كونا قوشنىسى بولۇپ، كۆپ يىل ئىلگىرى كۆرگەن ئاشۇ كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن. «بىر كۈنى، جوۋ جىنچۈەن ھويلىدىن چىقماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن چاقلىق ئورۇندۇقى ئۆرۈلۈپ كەتتى، خانشېرىن ئاچام بۇنى كۆرۈپ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈردى، شۇ چاغدا جوۋ جىنچۈەن 30 نەچچە ياشتا بولۇپ خېلىلا ئېغىر ئىدى، مەن ئۇنىڭدىكى بۇ كۈچنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم، كېيىن ئۇنىڭ بېلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئاغرىدى» دېدى ئارزۇگۈل.

خانشېرىن جوۋ جىنچۈەنگە ھەقىقىي ئانىلىق مېھرىنى بەردى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى جوۋ جىنچۈەنگە ھەقسىز ھەدىيە قىلىشنى خالايدىكەن. ئەينى يىلى خانشېرىن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىنى چېقىپ كۆچۈرىدىغان چاغدا، ئىككى ئېغىز ئۆي بىلەن جوۋ لىيوۋغا ئىجارىگە بەرگەن ھويلا چېقىش ـ كۆچۈرۈش دائىرىسىگە كىرمىگەنىدى، خانشېرىن مەھەللە كادىرلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، 60 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى جوۋ جىنچۈەنگە ھەدىيە قىلىشقا ۋەدە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر :ئامانگۈل ئابدۇراخمان