​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى​

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ھەم ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، دەل جايىدا ئىگىلەش، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇپىنى ياخشى قۇرۇپ، يوللارنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ يىللىق نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتى پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈش نۇقتىسىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە يولغا قويۇش پىكرىدىكى خىزمەت تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئالاقىدار ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.