ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەتلەردىن ھەرىكەتچان شىنجاڭغا نەزەر

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ

جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىت 4 ـ ئاي، بۇ دەل باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋوگزال ۋە ئايرودۇرۇملاردا جاي ـ جايلارغا بارىدىغان، تەرەپ ـ تەرەپكە قاتنايدىغان يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى؛ ھەرقايسى چوڭ قاتناش غول لىنىيەلىرىدە ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ پورتلاردا، بازارلاردا كىشىلەر راۋان سەپەر قىلدى، يۈكلەر راۋان توشۇلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا نەزەر سالساق، ھەممىلا يەردە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ

4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، بىر يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىردى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يولۇچىلار ئۈرۈمچىنىڭ جاي ـ جايلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.

شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك، گۈزەل، مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك بىرلەشكەن، ساياھەت ئېنىقكى ئاۋاتلىقنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل. 3 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، «شىنجاڭدا قار تېيىلىش» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ توردا ئىزدىلىش مىقدارى سېلىشتۇرما نىسبىتى %50 ئاشتى؛ 3 ـ ئاينىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنى 2 ـ ئاينىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا، «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ توردا ئىزدىلىش مىقدارى سېلىشتۇرما نىسبىتى %60 ئەتراپىدا ئاشتى؛ شيېچېڭ سۇپىسىدا 3 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى ئالدىن زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئەتراپىدا ئاشتى، ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانسارايلارنى ئالدىن زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئەتراپىدا ئاشتى.

شىنجاڭ ھازىر شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، يېزا ـ كەنت ساياھىتى، خاس ساياھەتنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى تېزلىشىپ، تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى.

«شىنجاڭغا بېرىش» نۇرغۇن كىشى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالدى، ئۇلار پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش چوڭ دولقۇنىغا قاتناشتى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە ئورۇندالغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 11 مىليون 370 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشقان. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ 1 ـ پەسىللىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن ئاشقان.

زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش ـ چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش» ئارزۇسى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندى.

«يۆتكىلىش» ھاياتىي كۈچتىن دېرەك بېرىدۇ. قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، تاشقى سودا، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىستېمال... شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى كەسىپلىرىدە «ھەرىكەتچان»لىقنىڭ يۆنىلىشى، نۇقتىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، ھەممە يەر ئۈمىدكە تولدى.

تور سىرتىدا ئادەم ئېقىمى زىچ بولۇپلا قالماي، توردا «شىنجاڭغا ئەۋەتىلىدىغان ماللارنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش»مۇ ھەرقايسى سۇپىلاردا ئەڭ «قىزىق نۇقتا»غا چىقتى. بۇ يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ رايونىدا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش پىلانىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، 10 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تاۋارنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭدىكى يېرىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتتە مال كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى، شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك يەتكۈزۈش مىقدارى 1 مىليونغا يېقىن كۆپەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى بويىچە ئەۋەتىش ـ يەتكۈزۈش تورى بارغانسېرى زىچلىشىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆسۈپ، ئىستېمال ئېھتىياجى كۈچلۈك قويۇپ بېرىلمەكتە.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ

«ماڭا يەنە ئون مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ» «مەن بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلاي»... 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، شاڭخەي خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا، سەمىمىيلىككە تولغان بىر مەيدان ھۆكۈمەت ـ كارخانا سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىلدى، بۇمۇ بۇ يىل شىنجاڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىشى ئىدى.

سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنىدا، ئاساسلىقى شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق چاڭجياڭ دېلتىسى رايونلىرىدىن كەلگەن كارخانا مەسئۇللىرى يىغىلىپ، شىنجاڭدىكى قىسمەن نازارەت، ئىدارە ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، نەق مەيدان كېڭىشىشى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

«شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ چېۋىلىرى داڭلىق، ئەگەر يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق ساقلاش تېخنىكىسى ماسلاشتۇرۇلسا، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى مېۋىلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.» شىكې يېمەكلىك پەن ـ تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ يەنمىڭ نەق مەيداندا كارخانىنىڭ يېڭى پېتى ساقلاش، سوغۇق ساقلاش تېخنىكىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەم شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇنىڭ سۆزى شۇ ھامان ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارغا شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

باشلىنىشى بىلەنلا ئاتاكىغا ئۆتۈش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى پىلانلاپ، كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كۆپ ساھەلىك سېلىنما ۋە قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدىغانلىقى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاكتىپ سىگنال تارقىتىلدى. 2024 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا 133 تۈرگە مەبلەغ سالماقچى بولدى، چېتىلىدىغان سومما 700 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

«كەلپىن ناھىيەسىگە ماكانلىشىشنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب ئاساسلىقى، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى مۇھىم بىلگەنلىكىمىزدىن بولدى» دېدى بېيجىڭ جىتۇڭ مۇھىت قوغداش يېڭى ماتېرىيال پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ لىچاۋ.

«كارخانىنى تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش بىلەنلا قالماي، يەنە ئېلىپ قېلىش كېرەك.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ھازىرقى «ئېقىم مىقدارى»نى قوبۇل قىلىش ـ قىلالماسلىقتىكى ئاچقۇچ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، چېگرا ناھىيە، شەھەر قاتارلىقلار «ئىككى يىل كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچ يىل يېرىم كېمەيتىپ ئېلىش»تىن ئىبارەت كارخانىلار تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ قەشقەر، قورغاس ئىككى جاي «بەش يىل كەچۈرۈم قىلىش، بەش يىل يېرىم كېمەيتىپ ئېلىش»تىن ئىبارەت كارخانىلار تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «ياراملىق ھۆكۈمەت» بىلەن «ئۈنۈملۈك بازار»نىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 ـ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ھەم «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتىدە، جەمئىي 1031 كارخانا، كەسپىي ئورۇن 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ بازار كۆزلىمىسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى بۇھەجەر ئابلا.

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2024 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە شىنجاڭدا يېڭىدىن 32 مىڭ ئادەمنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار ۋە پەن ـ تېخنىكىنى بىرىنچى بايلىق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، ئىجادىي تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خوۋ شىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل يەنە قەشقەر داشۆ، ئىلى سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» − 2024 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش شىنجاڭ بېكىتى ھەم ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بالدۇرراق يۇقىرى سۈپەتتە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

ئىش ئورنى بايلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ جان تومۇرى. ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «كۆلچىكى»نىڭ سىغىمىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۈزلۈكسىز تېز تۈرتكە بولۇش، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە قىزغىن قۇرۇلۇش قىلىش... بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ «ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى»نى ياڭراتتى، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەردە ئارقا ـ ئارقىدىن ئىش باشلاندى. بارغانسېرى كۆپ مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، ساھە ماگناتلىرى شىنجاڭغا ئۈمىد باغلاپ، شىنجاڭنى تاللاپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى.

«شىنجاڭدا تۈر كۆپ، ئىش كۆپ، باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا شىنجاڭغا كەلدىم، ھازىر باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ توپا ـ تاش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن» دېدى خېنەندىن كەلگەن سودىگەر ليۇ چىڭلىن.

ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىۋاتقان شىنجاڭ

يىلنىڭ بېشى باھاردىن. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، ياڭراق گۈدۈك ئاۋازلىرىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ماللار «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزغا قاچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەم رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز ئېكسپورت قىلىندى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدا تۇنجى قېتىم قاتنىغاندىن باشلاپ 2024 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىگىچە، «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 100 قېتىم، 4716 گۇرۇپپا قاتناپ، توشۇغان يۈك مىقدارى 70 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، سودا سوممىسىنىڭ 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس ماركىلىق نۆۋەتچى پويىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئىجادىي ئەمەلىيەت.

بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى شېن جىنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنىڭ دائىملاشقان قاتنىشىنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان ئەشيا ئوبوروت تورىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ماركىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتەك ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

− تۆمۈريول يۈك مەيدانىدا پويىزلار ئۆتۈشۈپ تۇردى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقتى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 58 مىليون 645 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ ۋە قورغاس تۆمۈريول پورتىدا جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش مىقدارى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن بۇيان، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك قائىدە ـ تۈزۈملەر بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ھازىرغىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت سۇبيېكتى 5000دىن ئاشتى.

− شىنجاڭ 170 نەچچە دۆلەت (رايون) بىلەن ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى، دۆلەت دەرىجىلىك چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىن 23ى بار بولدى؛ ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن 18ى بار بولدى، 25 ئايرودۇرۇمدا خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 286سى ئېچىلىپ، 16 دۆلەت، 100دىن ئارتۇق خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرگە ئايروپىلان قاتنىدى. 2023 ـ يىلى، ئۈرۈمچىدىن 13 دۆلەتتىكى 16 شەھەرگە قاتنايدىغان خەلقئارالىق قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ۋە يېڭىدىن قاتناپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقە پائالىيەتلىرى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بۇ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى، دۆلەت سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىش، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان بىر تۈركۈم تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، ئەشيا ئوبوروتى يىغىش ـ تارقىتىش بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي تۈگۈن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شەرق بىلەن غەرب تۇتاشقان، جەنۇب ۋە شىمالغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، قاتلاملىرى ئېنىق ئايرىلغان، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق ئىقتىساد بوشلۇقى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا.

شىنجاڭ تۇپرىقى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، يېپيېڭى گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى، تەرەققىيات تومۇرى يورۇتۇلۇپ، باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى.