چېگرا ھالقىغان يول تورى ياۋروپا ـ ئاسىيا قاتنىشىنى راۋانلاشتۇردى

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ «ئون تور» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (10)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

ئالاتاۋدا مەيىن باھار شامىلى چىقىپ تۇراتتى.

گۈدۈك ئاۋازى ئىچىدە، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۈزۈلمەي قاتناۋاتاتتى. 1 ـ پەسىلدە، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق 1809 قېتىم جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم رېكورت يېڭىلاندى.

جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنى شىنجاڭنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان يول تورىنى پائال بەرپا قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامىنى پائال بەرپا قىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە ۋە پورت قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بىر قاتار ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى قۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان يول تورىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى تېخىمۇ زور رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇردى.

ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنى مۇستەھكەملەش

4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بىر نەچچە يولۇچى چېگرا تەكشۈرتۈشىنى تاماملىغاندىن كېيىن خەلقئارا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئالاتاۋ تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستاننىڭ دوستېك بازىرىغا بېرىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ۋە سودا ئالاقىسىنى باشلىدى.

2024 ـ يىلى جۇڭگونىڭ «قازاقىستان ساياھەت يىلى»، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئىككى تەرەپتە سودا ـ ساياھەت قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، ئالاتاۋ تاشيول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى.

شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كولدۇرما ئاۋازىغا ئەگىشىپ قاتنىغان سودا كارۋانلىرى شىنجاڭدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنى زىچ باغلىدى.

بىراق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش يەنىلا تۆمۈريول تىرانسپورتىدىن باشلاندى.

1992 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئالاتاۋ ۋوگزالىدىن غەربكە سوزۇلۇپ قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى دوستېك ۋوگزالىغا بارىدىغان رېلىس تۇتاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى (يەنە «ئاسىيا ـ ياۋروپا 2 ـ چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ رەسمىي بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، شەرقتە ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق قازاقىستان ۋە رۇسىيەنى كېسىپ ئۆتۈپ، غەربتە گوللاندىيەنىڭ روتتېردامغا بارىدىغان تۆمۈريول چوڭ تومۇرىدا قاتناش باشلاندى. چېگرا ھالقىغان بۇ تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى كەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا بىر تۆمۈريول يېڭى يولى بارلىققا كەلدى.

چېگرا ھالقىغان تۆمۈريولغا تايىنىپ، 2011 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، تۇنجى «چۇڭچىڭ ـ شىنجاڭ ـ ياۋروپا» خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگقا يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۇچقاندەك قاتناپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى مۇھىم سودا ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.

2012 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، قورغاس ـ ئالتۇنكۆل تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاسىيا ـ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ قويۇقلاشتى. شىنجاڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتتى، نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 118ى ئېچىلدى؛ شىنجاڭدىن ياۋروپاغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى؛ 15 قۇرۇقلۇق يولى پورتىنىڭ ھەممىسىدە تاشيولنى «قارا رەڭلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ قاتناش باشلانغان 13 پورتنىڭ 12سىگە 2 ـ دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، يەتتىسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول تۇتاشتۇرۇلدى؛ لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيە كۆپەيتىپ قۇرۇلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى 25كە يەتتى، شىنجاڭ رايونىدىكى خەلقئارا ۋە رايون يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەمئىي 22گە يېتىپ، 13 دۆلەتتىكى 16 شەھەر ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى قاپلىدى.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چېگرا ھالقىغان يول تورى بەرپا قىلىش

2023 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان، جۇڭگو ـ تاجىكىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيوللىرىنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە كېڭىشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يېتىلدۈردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئون تور»نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان يول تورىنى پائال بەرپا قىلىش.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، شۇڭا ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان يول تورىنى قۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما ۋېي.

ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان يول تورى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، بۇ يىل شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، G315 لىنىيەسىدىكى توپا ـ تورغات پورتى قاتارلىق تاشيول يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غۇلجا ئاۋىياتسىيە پورتىنى رەسمىي ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ ۋە كۆپەيتىدۇ.

چېگرا ھالقىغان يول تورى قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

«بۇ يىل تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىن. بۇ يىل G216 لىنىيەسىدىكى خۇڭشەنزۇي ـ ئالتاي، S319 لىنىيەسىدىكى بۇرچىن ـ جېمىنەي پورتى تاشيولى پۈتكۈزۈلىدۇ، بەدەل پورتى تاشيولىدا ئاددىي ۋە خاتىرجەم ئاپتوموبىل قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ھەم خەلقئارا يول تىرانسپورتىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا يول تىرانسپورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ قاتارلىقلار.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ بۇ يىل ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، جىڭ ـ غۇلجا ـ قورغاس تۆمۈريولى 2 ـ لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ ھەم بەدەل پورتى تاشيولى ۋە چېگرا دەريا كۆۋرۈكى، ئەركەشتام پورتى چېگرا دەريا كۆۋرۈكى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىگە پائال تۈرتكە بولىدۇ.

ئىچكى ـ تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، قاتناش تورىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش

ھازىر، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئارىسىدىكى قاتناش ئالاقىسى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن خىرىس مەۋجۇت بولۇپ، يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشى چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ، قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرانسپورت ئۆلچىمى، قائىدىسىنىڭ بىرلىككە كەلمەسلىكى قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورتى تۇتاشقان بولسىمۇ راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ دېڭىز يولى تىرانسپورتى گەرچە پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاۋارايى ھەمدە بىخەتەرلىك ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىرقەدەر چوڭ؛ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، توشۇش كۈچىمۇ چەكلىك.

«يەرشارى كەنتى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىشىش مۇقەررەرلىككە ئايلاندى، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق كۆپ خىل قاتناش شەكلى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال قاتناش چېگرا ھالقىغان يول تورىنى بەرپا قىلىش ئاسىيا ـ ياۋروپا ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭ ئىزچىل ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، G315 لىنىيەسىدىكى توپا ـ تورغات پورتىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىلىرى گۈركىرەپ، باكلىق ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇشچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى كۈچەپ تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتاتتى.

توپا ـ تورغات تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە 1 ـ دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى قوللىنىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىكەن، تۈر پۈتكەندىن كېيىن تورغات پورتىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، يول بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىدىكەن.

سۈن جىن مۇنداق دېدى: توپا ـ تورغات تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىدىن باشقا، بۇ يىل ياسىلىۋاتقان G680 لىنىيەسىدىكى تايكېشكېن ـ چاكۇرت قاتارلىق پورت تاشيولىنىڭ ھەممىسىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ يەنە جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان، جۇڭگو ـ پاكىستان، جۇڭگو ـ قازاقىستان چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قورغاس، ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى تۆمۈريول پورتى ئاساسىدا، سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىغان تۆمۈريول تىرانسپورت يولىنى كۆپەيتىشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

بىر مەقسەتتە بولغانلارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ.

3 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو شىنجاڭ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قەشقەردە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

يېقىندا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 272 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو تارباغاتاي باقتۇ − قازاقىستان ئاياگۇز تۆمۈريولىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش باشلاندى. پىلان بويىچە، بۇ قوش رېلىسلىق تۆمۈريول 2027 ـ يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يېڭى تۆمۈريول لىنىيەسى قازاقىستاننىڭ ئېكسپورت مىقدارى ھەمدە رۇسىيەدىن جۇڭگوغا توشۇلىدىغان ماللارنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن.

«ئۇنىۋېرسال قاتناش چېگرا ھالقىغان يول تورى قۇرۇشتا لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئورنىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قاتناش ساھەسىدىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان رايون قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئورتاق بەرپا قىلىنسا بولىدۇ» دېدى ما ۋېي.

قوشۇن قوزغالماي تۇرۇپلا، ئاشلىق ئالدىن توشۇلىدۇ. ئالاقىدار زاتلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قوللىشىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى مۇقىم مەبلەغ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىسە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلى، مەسىلەن زايوم تارقىتىش، جەمئىيەت كاپىتالىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ يوللۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ كاپالىتى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي بولغان ئۇنىۋېرسال قاتناش چېگرا ھالقىغان يول تورىنىڭ ياۋروپا ـ ئاسىيا ئارىسىدا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى مۇقىم «كۆۋرۈك»كە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولسا بولىدىكەن.