شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئامبۇلاتورىيە چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشەلدى

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرىيېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)ئېلان قىلىندى. «يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانپېنسىيەگە چىققان خادىملارئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالغاندا بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشىلىدۇ.

  «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.

  1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكىئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنىبىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنىتارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى[2021] 115- نومۇرلۇق) بويىچە بولغاندا،1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكىئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنىبىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتىئايرىم- ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 ئىدى،پېنسىيەگە چىققان خادىملارغامايىللاشتۇرۇش نىسبىتى5 پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى بولمايتتى.دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلاتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى