قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى داۋاملىشىدۇ! شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

يامغۇر شىرىلداپ ياغماقتا

4-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇدا يامغۇر ياغدى، بۇ قېتىمقى يامغۇر ئوتتۇراھال يامغۇر دەرىجىسىگە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يامغۇر بۈگۈن (4-ئاينىڭ 18-كۈنى) چۈشتىن بۇرۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن.


4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچىدە بىر ئوقۇغۇچى كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ماڭماقتا.ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىجاڭ ۋەندېفوتوسى

ھاۋارايى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن كۈندۈز شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يەنە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغ رايونلىرىدا قار ياغىدىكەن) ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن، تىيانشان تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا پەۋقۇلئاددە قېلىن قار ياغىدىكەن. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭدا 5-4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 11-10 بال بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5-4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، 8 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.


مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغ رايونلىرىدا قار ياغىدىكەن)، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن ياكى قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە قېلىن قار ياغىدىكەن.


بۈگۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى بارا-بارا تىنچلىنىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئاسمىنى بارا-بارا ئېچىلىپ، شامال كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىزنىڭ يەنە بىر ھاۋا ئوچۇق ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىمىزدىن، تېمپېراتۇرىنىڭمۇ ئاستا-ئاستا يەنە بىر پەللە ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى دالىدا لەگلەك ئۇچۇرماقتا. مەنبەسى: @Mo

بۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل ـ يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىردىن ساقلىنىشكېرەك. تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

تېخىمۇ كۆپ ھاۋا رايى مەلۇماتى

بۈگۈن كۈندۈزدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇياكى قارغا ئۆزگىرىدۇ، تىيانشانتاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىداقېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭدا 5-4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 11-10 بال بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5-4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، 8 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدىن 19ـ كۈنى كۈندۈزگىچە قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇياكى قارغا ئۆزگىرىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10-9 بال بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5 - 4 بال قىيپاش شەرق شامىلى، 8 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدىن 20ـ كۈنى كۈندۈزگىچە قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ كېيىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇياكى قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ؛ ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىدە 5-4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 10-9 بال شامال چىقىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئەتىيازدا يامغۇر بىر قەدەر كۆپ ياغىدۇ، كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا يامغۇردا ئىشلىتىلىدىغان بويۇملارنى ئېلىۋېلىشىنى ھەمدە ۋاقتىدا كىيىم - كېچەكنى قېلىنراق كىيىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


بۇ ماقالىنىڭ مەنبەسى: تىيانشان تورى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى ( ID:xjnews ) ئۇنىۋېرسال شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى